ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

جايلار ئەتىيازلىق تېرىلغۇ تەييارلىقىنى بالدۇر پىلانلاپ، ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2023-01-31 17:07

ئادەم ئىشچان بولسا باھار بالدۇر كېلىدۇ، دېھقانچىلىققا دەخلى يەتمەيدۇ. جايلار ئەتىيازلىق تېرىلغۇ تەييارلىقىنى بالدۇر پىلانلاپ، ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە ئاساس سېلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

خېبېي ئۆلكىسى شىجياجۇاڭ شەھىرى ئايلانما خىمىيە سانائىتى باغچىسىنىڭ شۈسۈن كەنتىدىكى بۇغدايلىقتا، شۇ جايدىكى كەنت ئاھالىلىرى خېبېي ئۆلكىلىك دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ بۇغداي مۇتەخەسسىسى لى خۇيدىن بۇغداينى سۇغىرىش ۋاقتى ھەققىدە مەسلىھەت سورىدى. كۈزگى بۇغداي پەرۋىشىنى ئىنچىكە، دەل جايىدا چىڭ تۇتۇپ، يازلىق ئاشلىقتىن مول ھوسۇل ئېلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، چاغانلىق دەم ئېلىشتىن كېيىن، خېبېي ئۆلكىلىك يېزا ئىگىلىكى، يېزا نازارىتى بۇغداي مۇتەخەسسىسلىرى مەسلىھەتچىلەر گۇرۇپپىسى ۋە كەسىپ سىستېمىسىدا يېڭىلىق يارىتىش كوللېكتىپىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، مايسىلارنىڭ ئۆزگىرىشىنى داۋاملىق ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈپ، دېھقانلارنىڭ ئېتىز-ئېرىق پەرۋىشىنى قانات يايدۇرۇشىغا ۋاقتىدا يېتەكچىلىك قىلدى.

خېبېي ئۆلكىلىك دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ بۇغداي مۇتەخەسسىسى لى خۇي مۇنداق دېدى: پۈتۈن مۇساپىلىك ئىنچىكە، دەل جايىدا ئىلمىي باشقۇرۇشنى يولغا قويۇپ، تېخنىكا يېتەكچىلىكىنى كۈچەيتىپ، ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئاپەتنىڭ زىيىنىنى ئازايتىشنى كۈچەيتىش كېرەك، مۇشۇنداق قىلغاندىلا، ئاندىن خېبېي ئۆلكىسىنىڭ بۇغداي، يازلىق ئاشلىقتىن مول ھوسۇل ئېلىشىغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ.

خۇبېي ئۆلكىسى چيەنجياڭ شەھىرى گاۋشىبېي بازارلىق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى لى چېن ئەتىگەندىلا تېخنىكلار بىلەن بىللە، نۇرغۇن كوپىراتىپقا بېرىپ، ئاقىل يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى تەكشۈرۈپ، ئەتىيازلىق تېرىلغۇ ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ بىخەتەرلىكىگە پۈتۈن كۈچى بىلەن كاپالەتلىك قىلدى. لى چېن مۇنداق دېدى: قىشتا تېمپېراتۇرا بىر قەدەر تۆۋەن بولغاچقا، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى قوزغاتقاندا بىخەتەرلىك مەسىلىسى كۆرۈلەمدۇ-يوق دېگەننى تەكشۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ، چاغاننىڭ 15-كۈنىدىن كېيىن، بىز تېرىقچىلىق چوڭ ئائىلىلىرىنى كەسپىي جەھەتتىن تەربىيلەيمىز.

بۇ ئىككى كۈندە، شىنجاڭدىكى مەلۇم يېزا ئىگىلىك گۇرۇھى شىركىتىنىڭ ئىككى ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسى قاتتىق ئوغۇت ۋە شىركەت ئۆز ئالدىغا تەتقىق قىلىپ چىققان سۇيۇق ئوغۇت يۈرۈشلۈك مەھسۇلاتلىرىنى جىددىي ئىشلەپچىقاردى. شىركەت ئىشلەپچىقىرىش مەركىزىنىڭ دىرېكتورى ۋاڭ يۈلۇڭ يېقىنقى مەزگىلدە، زاكاز بەك كۆپەيدى، زاۋۇتىمىز تولۇق ئىشلەپچىقىرىپ، ئەتىيازلىق تېرىلغۇغا بالدۇر تەييارلىق قىلدى دېدى.

يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، جياڭسۇ ئۆلكىسى جۈرۇڭ شەھەرلىك تەمىنات-سودا كوپىراتىپى يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرى بىلەن تەمىنلەش كارخانىلىرىنىڭ ئەھۋالىنى ئومۇميۈزلۈك ئىگىلەپ، تەمىنات كارخانىلىرى بىلەن ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرى، كەسپىي كوپىراتىپلار، تېرىقچىلىق چوڭ ئائىلىلىرىنى ئېھتىياج بىلەن تەمىناتنى تۇتاشتۇرۇشقا تەشكىللىدى. جۈرۇڭ شەھەرلىك تەمىنات-سودا باش كوپىراتىپى ھەمكارلىق ئىشلىرى بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جاڭ ياڭ مۇنداق دېدى: كوپىراتىپىمىز يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرى بىلەن تەمىنلەشتىكى ئاساسىي يوللۇق رولىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن جارى قىلدۇرۇپ، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرىنىڭ سۈپەت ئۆتكىلى، باھا ئۆتكىلىنى مەنبەسىدىن چىڭ تۇتۇپ، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرى تەمىناتىنىڭ ئارقا سەپ مۇلازىمىتىنى ھەر تەرەپلىمە ياخشى قىلدى.

تەرجىمان: ئابدۇللا موللا

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

جايلار ئەتىيازلىق تېرىلغۇ تەييارلىقىنى بالدۇر پىلانلاپ، ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلدى

ئادەم ئىشچان بولسا باھار بالدۇر كېلىدۇ، دېھقانچىلىققا دەخلى يەتمەيدۇ. جايلار ئەتىيازلىق تېرىلغۇ تەييارلىقىنى بالدۇر پىلانلاپ، ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە ئاساس سېلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.