ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

رەقەملىك ئىقتىساد رايونلار پەرقىنى كىچىكلىتىپ، شەھەر، يېزا-كەنتلەرگە ئىقتىسادنى ئاشۇرۇشنىڭ يېڭى قۇۋۋىتىنى ئېلىپ كەلدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2023-01-31 17:12

نۇرغۇن ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسى بۇ يىل چاغان مەزگىلىدە «ئىش توختاتمىدى»، ئىستېمالچىلار پۈتۈن ئائىلە جەم بولغاندىمۇ كۈندىلىك مال سېتىۋالغانغا ئوخشاش قولايلىق ۋە تېز ئىكەنلىكىنى ھېس قىلالايدۇ. بۈگۈنكى كۈندە، رەقەملىك ئىقتىساد رايونلار پەرقىنى ئۈنۈملۈك كىچىكلىتىپ، شەھەر، يېزا-كەنتلەرگە ئىقتىسادنى ئاشۇرۇشنىڭ يېڭى قۇۋۋىتىنى ئېلىپ كەلدى.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، تېخىمۇ كۆپ ئىستېمالچىلار ئېلېكتىرونلۇق سودا ئارقىلىق مال سېتىۋېلىشقا ئادەتلەندى، مال سېتىۋېلىش تۈرى تېخىمۇ كۆپ خىللىشىپ، كۈندىلىك ئادەتكە ئايلاندى. جىڭدۇڭ ئىستېمال ۋە كەسىپ تەرەققىيات تەتقىقات يۇرتىنىڭ باشلىقى ليۇ خۇي مۇنداق دېدى: بىرىنچىدىن، بايرام پۇرىقى ئالاھىدە قويۇق بولدى، چاغان مەزگىلىدە، توشقان يىلىدىكى باش تېمىلىق ئۈنچە-مەرۋايىت زىننەت بۇيۇملىرىنىڭ سېتىلىش مىقدارى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 10 ھەسسە ئاشتى. چاغانلىق ئىستېمال دائىملاشتى، يان تېلېفون، ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى، داۋالاش، ساقلىق ساقلاش مەھسۇلاتلىرى جەھەتتىكى پۈتۈشۈش سوممىسىنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى بۇلتۇر چاغاندىكىدىن كۆرۈنەرلىك ئاشتى.

ئىككىنچىدىن، چاغانلىق ئىستېمالدا يېڭىلىق قويۇق بولۇپ، چاغان پۇرىقى بار ھەم سۈپەتكە ئەھمىيەت بېرىلدى. بىر تېز يەتكۈزۈش شىركىتىنىڭ خىزمەتچىسى ساۋ جيې تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇ يىل چاغان مەزگىلىدە، تەكشۈرۈش ئەسۋابى، سىناق قەغىزى، ئاڭلاش ياردەمچىسى، ئوكسىگېن ئىشلەش بۇيۇملىرىنىڭ سېتىلىش مىقدارى ئەڭ يۇقىرى بولغان ساغلاملىق «چاغانلىق مال» غا ئايلاندى.

ئىلگىرى «بازارغا بېرىش» دېھقانلارنىڭ چاغاندا چاغانلىق مال سېتىۋېلىشتىكى ئاساسلىق ئۇسۇلى ئىدى. ھازىر يېزىلاردا توردىن چاغانلىق مال سېتىۋېلىش يېڭى مودىغا ئايلاندى. ليۇ خۇي تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: 2021-يىلىدىكى چاغان مەزگىلىگە سېلىشتۇرغاندا، 2023-يىلى 4-، 5، 6-سەپتىكى شەھەرلەرنىڭ پۈتۈشۈش سوممىسى 10% ئاشتى، ھەر بىر ئىستېمالچى ماللارنى تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ ياخشى سېتىۋالدى.

بۇ يىل چاغاندا نۇرغۇن داڭلىق ماركىلار بىۋاسىتە كۆرسىتىش ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسىدا ئىستېمالغا تۈرتكە بولدى. خېنەن سۇنىڭ يىگوۋ شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى نى جىخۇا مۇنداق دېدى: بىرلىشىپ ياردەم تولۇقلىمىسى بېرىش ئارقىلىق، خېرىدارلارنىڭ ئېشىشىغا تۈرتكە بولدۇق، دۇكانغا كىرىش نىسبىتى ئۈچ ھەسسە ئاشتى، سېتىشمۇ ھەسسىلەپ ئاشتى.

رەقەملىك ئىقتىسادنىڭ تەرەققىياتى تېزلىتىلىپ، رەقەملىك ئىقتىساد بىلەن ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشى ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا «يېڭى قۇۋۋەت، يېڭى ئەۋزەللىك» ئاتا قىلىندى. سودا مىنىستىرلىقى تەتقىقات يۇرتى ئېلېكتىرونلۇق سودا ئورنىنىڭ كاندىدات تەتقىقاتچىسى خۇڭ يۇڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگو ئىستېمالچىلىرى توردا مال سېتىۋېلىشقا تېخىمۇ ئاكتىپ قاتنىشىۋاتىدۇ، بۇمۇ جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئاشۇردى. بۇنىڭدىن باشقا، داڭلىق ماركا شىركەتلىرى ۋە كارخانىلارمۇ بازارنى كېڭەيتىش سالمىقىنى زورايتتى، بۇلارنىڭ ھەممىسى جۇڭگو ئىقتىساد بازىرىنىڭ ناھايىتى زور يوشۇرۇن كۈچكە ئىگە ئىكەنلىكىنى، تېخىمۇ كۆپ ئىستېمال ھاياتىي كۈچىگە تىرەك بولۇش ئىقتىدارنىڭ بارلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.

تەرجىمان: ئامانگۈل ھەبىبۇللا

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

رەقەملىك ئىقتىساد رايونلار پەرقىنى كىچىكلىتىپ، شەھەر، يېزا-كەنتلەرگە ئىقتىسادنى ئاشۇرۇشنىڭ يېڭى قۇۋۋىتىنى ئېلىپ كەلدى

نۇرغۇن ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسى بۇ يىل چاغان مەزگىلىدە «ئىش توختاتمىدى»، ئىستېمالچىلار پۈتۈن ئائىلە جەم بولغاندىمۇ كۈندىلىك مال سېتىۋالغانغا ئوخشاش قولايلىق ۋە تېز ئىكەنلىكىنى ھېس قىلالايدۇ.