ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

[ئىشنى ياخشى باشلاپ، قەدەمنى ياخشى ئېلىش] بېيجىڭ تۈرلەرنى چىڭ تۇتۇپ، ئىشلەپچىقىرىشنى مۇقىملاشتۇرۇپ، تەرەققىيات يېڭى قۇۋۋىتىنى ئۈزلۈكسىز ياراتتى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەىم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2023-02-01 14:00

باھار كىرىشى بىلەن بېيجىڭ مەبلەغ سېلىشنى مۇقىملاشتۇرۇش رولىنى داۋاملىق جارى قىلدۇرۇپ، نۇقتىلىق قۇرۇلۇش ۋە چوڭ تۈرلەرنىڭ قۇرۇلۇش سۈرئىتىنى چىڭ تۇتۇپ، كارخانىلارنىڭ چاغاندىن كېيىن ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، كۆزلىمە نىشانغا يېتىشىگە ياردەم بېرىپ، يېڭى يىلدا ئىشنى ياخشى باشلاپ، قەدەمنى ياخشى ئېلىشىغا ئاساس سالدى.

1-ئاينىڭ 31-كۈنى بېيجىڭ شەھىرىنىڭ 2023- يىلىدىكى تۇنجى تۈركۈمدىكى 50 چوڭ تۈرىدە ئىش باشلاندى. بۇ تۈرلەر زامانىۋى كەسىپ، ئۇل ئەسلىھە، شەھەرنى يېڭىلاش قاتارلىق ساھەلەرگە مەركەزلەشكەن بولۇپ، تەخمىنەن 48 مىليارد 600 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنىدۇ. بۇ يىل 1-پەسىلدە بېيجىڭ شەھىرىدە 160 چوڭ تۈردە قۇرۇلۇش باشلىنىدۇ، بۇنىڭغا تەخمىنەن 270 مىليارد يۈەن مەبلەغ سېلىنىدۇ.

تۈر قۇرۇلۇشى مۇقىم ئىلگىرى سۈرۈلۈش بىلەن بىللە، بېيجىڭدىكى ھەر قايسى رايونلار كارخانىلارنىڭ چاغاندىن كېيىن ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىگە پائال ياردەم بەردى. بېيجىڭ شەھىرى شۈنيى رايونىغا جايلاشقان بېيجىڭ جۇڭگو-گېرمانىيە سانائەت باغچە رايونى «مۇلازىمەت خوجىدارى» مېخانىزمىنى يولغا قويۇش ئارقىلىق، سىياسەتنىڭ ئەمەلىيلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كارخانىلار ئۈچۈن خاس مۇلازىمەت لايىھەسى تۈزۈپ بەردى. ھازىر باغچا رايونىدىكى گېرمانىيە مەبلەغ سالغان 90 نەچچە كارخانا ئومۇميۈزلۈك ئىش باشلىدى.

بېيجىڭ شەھىرىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئاپتوماتىك ھەيدەش ئۈلگە كۆرسىتىش رايونىدا، شوپۇرسىز 20 ئاپتوموبىل تۈركۈمگە بۆلۈنۈپ بەلگىلەنگەن يولدا سىناق قىلىنىۋاتىدۇ، بۇمۇ ئاپتوماتىك ھەيدەش يولى سىنىقىنىڭ بېيجىڭدا ئاپتوموبىللار شوپۇرسىز بولۇش باسقۇچىغا كىرگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.

يېڭى بىر يىلدا، بېيجىڭ يېڭى بىر ئەۋلاد ئۇچۇر تېخنىكىسى، پەن-تېخنىكا مۇلازىمەت كەسپىدىن ئىبارەت ئىككى تىرىليون دەرىجىلىك كەسىپلەر توپىنى، شۇنداقلا تېببىي دورا ساغلاملىقى، ئەقلىي ئىقتىدارلىق جابدۇق، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار، ئېنېرگىيە تېجەش، مۇھىت ئاسراش، توپلاشتۇرۇلغان توك يولى قاتارلىق بەش يۈز مىليارد دەرىجىلىك كەسىپلەر توپىنى داۋاملىق يېتىلدۈرىدۇ ۋە تەرەققىي قىلدۇرىدۇ؛ جۇڭگۈەنسۈن، چاڭپىڭ، خۇەيرۇدىكى ئۈچ دۆلەت تەجرىبىخانىسى قۇرۇلۇشىنى يۇقىرى ئۆلچەمدە ئىلگىرى سۈرۈپ، تەرەققىيات يېڭى قۇۋۋىتىنىڭ يېڭى ئەۋزەللىكىنى ئۈزلۈكسىز يارىتىدۇ.

تەرجىمان: ئىمىنجان ئىسمايىل

中央广播电视总台 央广网 版权所有