ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

لى كېچياڭ خەلق بانكىسى، تاشقى پېرېۋوت باشقۇرۇش ئىدارىسىدا خىزمەت تەكشۈردى ھەمدە سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2023-02-01 14:11

گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ 1-ئاينىڭ 30-كۈنى خەلق بانكىسى، تاشقى پېرېۋوت باشقۇرۇش ئىدارىسىدا خىزمەت تەكشۈردى ھەمدە سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، پۇل مۇئامىلىنىڭ ماكرولۇق ئىقتىسادنىڭ مۇقىملىقىنى قوللاش رولىنى يەنىمۇ جارى قىلدۇرۇپ، پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتى سەۋىيەسىنى سىجىل ئۆستۈرۈپ، ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىشىنى مۇۋاپىق ئارىلىقتا ساقلاپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

لى كېچياڭ مەركىزىي تاشقى پېرېۋوت كەسپى مەركىزىگە كېلىپ، خىزمەتچى خادىملار بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇپ، تاشقى پېرېۋوت زاپىسىدا ياخشى تىجارەت پايدىسىغا ئېرىشكەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئىشىكنى سىرتقا ئېچىۋېتىش ئاساسىي دۆلەت سىياسىتى، جۇڭگو ئىقتىسادى دۇنياغا چوڭقۇر سىڭىشىپ كىردى، تاشقى پېرېۋوت زاپىسى خەلقئارا بىلەن ئېلىمىزنىڭ ئىقتىساد-سودا ھەمكارلىقىنى قانات يايدۇرۇش ئىشەنچىسىنى نامايان قىلدى، پېرېۋوت نىسبىتىنىڭ مۇقىملىقى ئىقتىساد، پۇل مۇئامىلە ئومۇمىيىتىنىڭ مۇقىملىقىغا مۇناسىۋەتلىك. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بىرقانچە قېتىملىق تاشقى زەربە ئالدىدا، ئېلىمىزنىڭ تاشقى پېرېۋوت زاپىسى 3 تىرىليون ئامېرىكا دوللىرىدىن يۇقىرى ھالەتنى ساقلاپ، خەلق پۇلىنىڭ پېرېۋوت نىسبىتى ئاساسىي جەھەتتىن مۇقىم بولۇپ، خەلقئارادىكى ئاساسلىق پۇل تۈرلىرى ئىچىدە نىسبەتەن مۇقىم ۋە ساغلام بولۇپ، تاشقى سودا، پۇل مۇئامىلە، ئىقتىساد قاتارلىقلارنى مۇقىملاشتۇرۇشقا كۈچلۈك تىرەك بولدى.

لى كېچياڭ پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتى ئەمەلىي ئىقتىساد ئەھۋالىنى تەپسىلىي ئىگىلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: پۇل مۇئامىلە زامانىۋى ئىقتىسادنىڭ يادروسى، پۇل مۇئامىلە ئىسلاھاتى ۋە تەرەققىياتى ئىقتىسادىي تەرەققىياتقا كۈچلۈك تىرەك بولدى. ئۆتكەن ئون يىللىق دەۋرىيلىكتىن قارىغاندا، ئىقتىساد يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %6.2 ئېشىپ، 53 تىرىليون يۈەندىن زور دەرىجىدە كۆپىيىپ، 121 تىرىليون يۈەنگە يەتتى، پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ ئومۇمىي مۈلۈكىمۇ زور دەرىجىدە ئاشتى. ئىقتىساد ياخشى بولسا، پۇل مۇئامىلە ياخشى بولىدۇ، پۇل مۇئامىلە مۇقىم بولسا، ئىقتىساد مۇقىم بولىدۇ.

يىغىندا خەلق بانكىسى دوكلات بەردى. لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: بۇ بىر قانچە يىلدا يۇقۇم قاتارلىق كۆپ خىل ئېغىر زەربە ئالدىدا، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، مەملىكەت بويىچە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە ئورتاق تىرىشىپ، ئىقتىسادنىڭ سىجىل ئېشىشىنى ساقلىدى. بىز پۇختا پۇل سىياسىتىنى يولغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئومۇمىي مىقدار ۋە قۇرۇلما خاراكتېرلىك قوراللاردىن ۋاقىت ۋە ۋەزىيەتكە قاراپ پايدىلىنىپ، ماكرو ئىگىلىكنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداش، ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ تەرەققىياتىغا مۇلازىمەت قىلىشتا مۇھىم رول ئوينىدۇق. ئوتتۇرا، كىچىك، مىكرو كارخانىلار، يەككە سودا-سانائەتچىلەرنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش قىيىن بولۇش مەسىلىسىنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، بازار سۇبيېكتىغا كاپالەتلىك قىلىش ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى مۇقىملاشتۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلدۇق. ئۆتكەن بەش يىلدا ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق كىچىك، مىكرو قەرز پۇل قالدۇقى يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %24ئاشتى، بۇلتۇر كارخانىلار قەرز پۇلىنىڭ ئوتتۇرىچە ئۆسۈم نىسبىتى ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغاندىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشتى. «باستۇرۇپ سۇغىرىش» يولىنى تۇتماسلىق، پۇلنى ئارتۇق تارقاتماسلىقتا چىڭ تۇرۇپ، يەر شارى پۇل پاخاللىقى ئارقا كۆرۈنۈشىدە دۆلەت ئىچىدە مال باھاسىنى مۇقىملاشتۇرۇشنى ئاساسىي شارائىت بىلەن تەمىنلىدۇق، بۇلتۇر ئاھالىلەرنىڭ ئىستېمال باھاسى ئاران %2 ئۆرلىدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، بازارلاشتۇرۇش، قانۇنچىللاشتۇرۇش ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىپ، پۇل مۇئامىلە بازىرىدىكى بىنورمال داۋالغۇش خەۋپ-خەتىرىنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىپ، ئوتتۇرا، كىچىك پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى قاتارلىقلارنىڭ خەۋپ-خەتىرىنى ۋاقتىدا مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىپ، سىستېمىلىق خەۋپ-خەتەر يۈز بەرمەسلىك تۆۋەن چېكىنى ساقلىدۇق. ئەلۋەتتە، ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنىمۇ سەگەكلىك بىلەن كۆرۈشىمىز كېرەك، پۇل مۇئامىلىنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداش، خەۋپ-خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش يەنىلا ئۇزاق مۇددەتلىك ھەم مۈشكۈل ۋەزىپە.

لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: پۇل مۇئامىلە سىستېمىسى ئەمەلىي ئىقتىسادقا مۇلازىمەت قىلىش سەۋىيەسىنى داۋاملىق ئۆستۈرۈشى كېرەك، بۇ بازار مۆلچەرىگە مۇناسىۋەتلىك، مۇقىم كۆزلىمە-بازار ئىگىلىكىدىكى «قاتتىق پۇل». ئىقتىسادنى مۇقىملاشتۇرۇشقا دائىر بىر قاتار سىياسەتلەر ۋە داۋاملاشما تەدبىرلەرنى چوڭقۇر ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پۇل مۇئامىلىنىڭ ئىچكى ئېھتىياجنى ئاشۇرۇش، قۇرۇلمىنى سەرخىللاشتۇرۇشقا مەدەت بېرىش سالمىقىنى كۈچەيتىپ، پۇقراۋى ئىگىلىك ۋە ئوتتۇرا، كىچىك، مىكرو كارخانىلارنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش مۇھىتىنى ياخشىلاپ، پۇل مۇئامىلە خەۋپ ـ خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنى تۈگىتىپ، خەلق پۇلى پېرېۋوت نىسبىتىنىڭ مۇۋاپىق، تەڭپۇڭ سەۋىيەدىكى ئاساسىي مۇقىملىقىنى ساقلاش كېرەك.
ليۇ خې، خې لىفېڭ قاتناشتى.

تەرجىمان: پاتىگۈل مەمەت

中央广播电视总台 央广网 版权所有

لى كېچياڭ خەلق بانكىسى، تاشقى پېرېۋوت باشقۇرۇش ئىدارىسىدا خىزمەت تەكشۈردى ھەمدە سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى

گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ 1-ئاينىڭ 30-كۈنى خەلق بانكىسى، تاشقى پېرېۋوت باشقۇرۇش ئىدارىسىدا خىزمەت تەكشۈردى ھەمدە سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى.