پاي چېكى تارقىتىشنى رويخەتكە ئالدۇرۇش تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇش ئىسلاھاتى رەسمىي باشلاندى
جۇڭگو ئاكسىيە نازارەتچىلىك كومىتېتى 2-ئاينىڭ 1-كۈنى پاي چېكى تارقىتىشنى رويخەتكە ئالدۇرۇش تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇشتىكى ئاساسلىق تۈزۈم قائىدىلىرى ھەققىدە جەمئىيەتتىن ئاشكارا پىكىر ئالدى. بۇ تۆت يىل سىناق قىلىنغاندىن كېيىن، پاي چېكى تارقىتىشنى رويخەتكە ئالدۇرۇش تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇش ئىسلاھاتىنىڭ رەسمىي باشلانغانلىقىدىن، پاي چېكى تارقىتىشنى رويخەتكە ئالدۇرۇش تۈزۈمىنىڭ پۈتۈن بازاردا رەسمىي يولغا قويۇلىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. بۇ قېتىم ئاشكارا پىكىر ئېلىش تۈزۈم قائىدىسى «تۇنجى قېتىم ئاشكارا تارقىتىلغان پاي چېكىنى رويخەتكە ئېلىشنى باشقۇرۇش چارىسى» قاتارلىق ئاكسىيە نازارەتچىلىك كومىتېتىنىڭ قائىدىلىرى ۋە يۈرۈشلەشكەن قائىدە خاراكتېرلىك ھۆججەتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، رويخەتكە ئېلىش تۈزۈمىنى ئورۇنلاشتۇرۇش، سېتىپ بېرىشكە كاپالەتلىك قىلىش، قوشۇۋېلىپ قايتا تەشكىللەش قاتارلىق جەھەتلەرگە چېتىلىدۇ. شېنۋەن خۇڭيۈەن ئاكسىيە تەتقىقاتخانىسىنىڭ باش بازار مۇتەخەسسىسى گۈي خاۋمىڭ مۇنداق دېدى: رويخەتكە ئالدۇرۇش تۈزۈمى بىلەن تەكشۈرۈپ تەستىقلاش تۈزۈمىنىڭ ئەڭ چوڭ پەرقى شۇكى، ئۇنىڭدا تارقىتىشنىڭ تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقى بازارغا تاپشۇرۇلىدۇ، قايسى شىركەتنىڭ تارقاتسا بولىدىغانلىقى، قانداق باھادا تارقىتىلغانلىقى، قايسى ۋاقىتتا تارقىتىدىغانلىقىنى بازار بەلگىلەيدۇ.
ئاكسىيە نازارەتچىلىك كومىتېتىنىڭ ئالاقىدار تارمىقىنىڭ مەسئۇلى مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى ئىسلاھاتتا پەن-تېخنىكىغا تايىنىپ ئىگىلىك تىكلەش بۆلىكى، ئىگىلىك تىكلەش بۆلىكى تەجرىبىلىرى ئۆرنەك قىلىنىپ، تېخىمۇ بازارلاشتۇرۇش، قولايلاشتۇرۇش يېتەكچى قىلىنىپ، ئاساسىي سودا تۈزۈمى يەنىمۇ ياخشىلاندى. ئاساسلىق تەدبىرلەر: بىرىنچى، يېڭى پاي بازارغا سېلىنىشتىن ئىلگىرىكى بەش سودا كۈنىدە ئۆرلەش-چۈشۈش چەكلىمىسى قويۇلمايدۇ. ئىككىنچى، ۋاقىتلىق توختىتىش تۈزۈمىنى ئەلالاشتۇرۇش كېرەك. ئۈچىنچى، يېڭى پاي بازارغا سېلىنغان تۇنجى كۈنىلا مەبلەغ ۋە ئاكسىيە يۈرۈشتۈرۈش نىشانىغا كىرگۈزۈلۈپ، ئايلانما يۈرۈشتۈرۈش مېخانىزمى ئەلالاشتۇرۇلۇپ، ئاكسىيە يۈرۈشتۈرۈش مەنبەسى دائىرىسى كېڭەيتىلىدۇ.
تەرجىمان: پاتىگۈل مەمەت