ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ۋاڭ سەيجىن: ئالەم بوشلۇقىدا لەگلەك ئۇچۇرۇش

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2023-02-02 15:47

تىيەنجۇ 2-نومۇرلۇق مال تىرانسپورت ئالەم كېمىسى بىلەن تىيەنخېنىڭ يادرولۇق بۆلمىسى تۇتاشتۇرۇلۇپ بولدى، بىرىكمە گەۋدىنىڭ ھەرىكىتى نورمال بولماقتا، كېيىنكى خىزمەتلەر نورمال ئۇچۇشنى كونترول قىلىش پىلانى بويىچە يولغا قويۇلىدۇ.

ھەر قېتىملىق مۇشۇنداق نەق مەيداندا، بېيجىڭ ئالەم قاتنىشى ئۇچۇشنى كونترول قىلىش مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن باش ئىنژېنېرى ۋاڭ سەيجىن ئېكرانغا قاراپ تۇرۇپ، بۇيرۇقنىڭ بېرىلىشى، قوبۇل قىلىنىشى ۋە بوشلۇق پونكىتىنىڭ ئەڭ يېڭى ئەھۋالىغا يېقىندىن دىققەت قىلىدۇ.

ۋاڭ سەيجىن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئالەم ئۇچقۇسى بوشلۇقتا ھەرىكەت قىلىۋاتقاندا، ئاسمان-زېمىن ئارىلىقىدا يىراقتىن ئ‍ۆلچەش، يىراقتىن كونترول قىلىش ئۇچۇرلىرىنى يوللايدۇ. بىز ئاسمان-زېمىن زەنجىرىنىڭ راۋانلىقىغا، ئالەم ئۇچقۇسىنىڭ كۆزىتىش ۋە كونترول قىلىش ھەرىكىتىنىڭ نورمال بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىمىز. بۇ لەگلەك ئۇچۇرغانغا ئوخشاپ قالىدۇ، ئالەم ئۇچقۇسى لەگلەك بولسا، تىزگىنلىگۈچى لەگلەك ئۇچۇرغۇچى بولىدۇ. ئۇ يەر يۈزىدىكى كونترول قىلىش سىستېمىسى ئارقىلىق بۇيرۇق بېرىپ، لەگلەك يىپىغا ئوخشاش ئالەم بوشلۇقىدىكى ئالەم ئۇچقۇسىنى مەھكەم كونترول قىلىدۇ.

2013-يىلى 6-ئاينىڭ 11-كۈنى، شېنجۇ 10-نومۇرلۇق ئالەم كېمىسى ئۈچ ئالەم ئۇچقۇچىسىنى ئېلىپ بوشلۇققا كۆتۈرۈلدى. ۋاڭ سەيجىن ئادەملىك ئالەم كېمىسىگە قاراپ، كۆڭلىدىكى بىر ئىشنى ئويلاپ قالدى.

شېنجۇ 10-نومۇرلۇق ئالەم كېمىسى قويۇپ بېرىلىش ئالدىدا، كوللېكتىپ ئەزالىرى بىر يەر يۈزى كاپالەت خەۋەرلىشىش كابېلىنىڭ ياخشى ئۇلانمىغانلىقىنى بايقىدى. بۇنداق بولغاندا ئادەملىك ئالەم كېمىسى ئالەم بوشلۇقىغا كۆتۈرۈلگەندىن كېيىن، يەر يۈزىدە بوشلۇقتىكى ئالاقىدار سانلىق مەلۇماتلارنى تەكشۈرگىلى بولمايدۇ.

ۋاڭ سەيجىن خىزمەتداشلىرى بىلەن ئايرىم ئۈسكۈنىلەرنىڭ نورمال ھەرىكىتىگە كاپالەتلىك قىلىش بىلەنلا چەكلىنىپ قالماي، بەلكى ئالەم قاتنىشى ۋەزىپىسىنىڭ نورمال ئېلىپ بېرىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىشقىمۇ ئەھمىيەت بەردى. ئۇلار مەخسۇس ئىشلىتىدىغان چاستوتا ئىسپېكتىرى كۆزىتىش سىستېمىسىنى تەتقىق قىلىپ ئېچىپ، ئاپتوماتلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ۋاسىتىسىنىڭ سەۋىيەسىنى ئۆستۈردى.

ۋاڭ سەيجىن: ئەسلەپ كۆرسەك، بۇ بىر كابېلنىڭ تۈرتكسىدە بارلىققا كەلگەن بىر مەيدان خەۋەرلىشىش ئىسلاھاتى، دېدى.

دەل مۇشۇنداق ھەر بىر ئىشنى تېخىمۇ مۇكەممەل قىلىشقا ئىنتىلىدىغان، بىرەر قېتىملىق يوشۇرۇن خەۋپىنىمۇ ئۆتكۈزىۋەتمەيدىغان ئالەم قاتنىشى خادىملىرى بېيجىڭ ئالەم قاتنىشى ئۇچۇشنى كونترول قىلىش مەركىزىنى قۇردى. بۇ يەرمۇ جۇڭگو بوشلۇق پونكىتى قۇرۇلۇشىنىڭ كەم بولسا بولمايدىغان بىر قىسمى بولۇپ قالدى.

30 نەچچە يىلدىن بۇيان، ۋاڭ سەيجىننىڭ ھەر بىر قەدىمى بېيجىڭ ئالەم قاتنىشى ئ‍ۇچۇشنى كونترول قىلىش مەركىزىنىڭ تەرەققىياتىنى باشتىن كەچۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: ھەر قېتىم رېكورتنى بۇزۇش ئارقىلىق ئىلگىرىلەيمىز. كەلگۈسىدە، قولىمىزدىكى لەگلەك تېخىمۇ ئېگىز، تېخىمۇ يىراق، تېخىمۇ مۇقىم ئۇچىدۇ.

تەرجىمان: دىلناز تۇرسۇن

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ۋاڭ سەيجىن: ئالەم بوشلۇقىدا لەگلەك ئۇچۇرۇش

تىيەنجۇ 2-نومۇرلۇق مال تىرانسپورت ئالەم كېمىسى بىلەن تىيەنخېنىڭ يادرولۇق بۆلمىسى تۇتاشتۇرۇلۇپ بولدى، بىرىكمە گەۋدىنىڭ ھەرىكىتى نورمال بولماقتا، كېيىنكى خىزمەتلەر نورمال ئۇچۇشنى كونترول قىلىش پىلانى بويىچە يولغا قويۇلىدۇ.