ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

جاۋ لېجى جۇڭگو گومىنداڭ ئىنقىلابىي كومىتېتى، تەيۋەن دېموكراتىك ئاپتونومىيە ئىتتىپاقى، جۇڭخۇا مەملىكەتلىك تەيۋەنلىك قېرىنداشلار دوستلۇق جەمئىيىتى ساھەسىدىكى سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى بىلەن دۆلەت ئىشلىرى ئۈستىدە كېڭەشتى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:مېھرىگۈل|     يوللانغان ۋاقىت: 2023-03-07 10:55

جاۋ لېجى جۇڭگو گومىنداڭ ئىنقىلابىي كومىتېتى، تەيۋەن دېموكراتىك ئاپتونومىيە ئىتتىپاقى، جۇڭخۇا مەملىكەتلىك تەيۋەنلىك قېرىنداشلار دوستلۇق جەمئىيىتى ساھەسىدىكى سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى بىلەن دۆلەت ئىشلىرى ئۈستىدە كېڭەشتى

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى جاۋ لېجى 3-ئاينىڭ 6-كۈنى جۇڭگو گومىنداڭ ئىنقىلابىي كومىتېتى، تەيۋەن دېموكراتىك ئاپتونومىيە ئىتتىپاقى، جۇڭخۇا مەملىكەتلىك تەيۋەنلىك قېرىنداشلار دوستلۇق جەمئىيىتى ساھەسىدىكى ئەزالارنىڭ بىرلەشمە گۇرۇپپا يىغىنىغا قاتناشتى. جاۋ لېجى ئەزالارنىڭ سۆزىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئۆتكەن بەش يىللىق مۇۋەپپەقىيەتلەر ۋە يېڭى دەۋردىكى ئون يىللىق ئۇلۇغ ئۆزگىرىشلەر «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى تولۇق نامايان قىلدى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ روشەن ئەۋزەللىكىنى نامايان قىلدى، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن مۇۋەپپەقىيەتلەرگە ھەر قايسى دېموكراتىك پارتىيە-گۇرۇھلار ۋە سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ قان-تەرى ۋە ئەقىل-پاراسىتى مۇجەسسەملەنگەن. جاۋ لېجى مۇنداق دېدى: يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، بىز جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئىلگىرى سۈرۈپ ۋە كېڭەيتىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش نەزەرىيە سىستېمىسىنى دەسلەپكى قەدەمدە بەرپا قىلىپ، دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش قۇرۇلۇشى، مىللەتنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن پارلاق ئىستىقبال ئاچتۇق. جۇڭگو گومىنداڭ ئىنقىلابىي كومىتېتى، تەيۋەن دېموكراتىك ئاپتونومىيە ئىتتىپاقى، جۇڭخۇا مەملىكەتلىك تەيۋەنلىك قېرىنداشلار دوستلۇق جەمئىيىتىنىڭ جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ 20-قۇرۇلتىيىدا بېكىتىلگەن نىشان-ۋەزىپىلەرنى زىچ چۆرىدەپ، دېموكراتىيەنى جارى قىلدۇرۇش بىلەن ئىتتىپاقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، پىكىر-تەكلىپ بېرىش ئارقىلىق ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا مەسلىھەت بېرىش ۋە ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەشكە تەڭ كۈچ چىقىرىشتا چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگو ئارزۇسىنى بىر نىيەتتە ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، «مۇستەقىللىق»قە قەتئىي قارشى تۇرۇپ، بىرلىككە كېلىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ۋەتەننىڭ بىرلىككە كېلىش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىلگىرى سۈرىشنى ئۈمىد قىلىمەن.

تەرجىمان: ئادىل ئابلەت

中央广播电视总台 央广网 版权所有