كۆپ دۆلەتلەرنىڭ ئەربابلىرى: جۇڭگونىڭ يېڭىلىق يارىتىش ھاياتىي كۈچى ۋە ئېچىۋېتىش پايدىسىغا ئۈمىد بىلەن قارايمىز
كۆپ دۆلەتلەرنىڭ ئەربابلىرى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگونىڭ يېڭىلىق يارىتىش ھاياتىي كۈچى ۋە ئېچىۋېتىش پايدىسىغا ئۈمىد بىلەن قارايمىز، جۇڭگونىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ۋە ھەر قايسى دۆلەتلەر بىلەن ھەمكارلىشىپ تەڭ پايدا ئېلىش ئىشلىرىنى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز.
خەلقئارا تىرىلمە ئېنېرگىيە مەھكىمىسىنىڭ باش ئىش بېجىرگۈچىسى فىرانسىسكو راكامىرا مۇنداق دېدى: گۈزەل جۇڭگو قۇرۇلۇشى ئادەم بىلەن تەبىئەت ئىناق ئۆتىدىغان كەلگۈسىنى تەسۋىرلەپ بەردى، مەن جۇڭگونىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات ئىستىقبالىدىن ئۈمىدۋارمەن.
زىمبابۋې «پېشۋالار گېزىتى»نىڭ باش مۇھەررىرى زېنانگا مۇنداق دەپ قارىدى: ئىككى يىغىندا مەن جۇڭگونىڭ جەمئىيەت، ئىقتىساد قاتارلىق ساھەلەردە قوللانغان جۇڭگوچە ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات ئەندىزىسىگە دىققەت قىلدىم. جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئىنسانىيەت تەرەققىياتىنىڭ يىپيېڭى ئەندىزىسىنى نامايان قىلىپ، زامانىۋىلاشتۇرۇش غەربلەشتۈرۈش بىلەن باراۋەر دەيدىغان سەپسەتىنى بۇزۇپ تاشلىدى.
قازاقىستان دۇنيا ئىقتىساد-سىياسىي تەتقىقاتخانىسىنىڭ تەتقىقاتچىسى ئېرسۇلتان رەنشېتوف مۇنداق دېدى: مەن جۇڭگونىڭ بۇ يىللىق تەرەققىيات نىشانىغا دىققەت قىلدىم، بۇ شەھەر-بازارلاردا 12 مىليون ئەتراپىدا ئادەمنى يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. جۇڭگو كومپارتىيەسى، جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ ئاساسلىق نىشانى خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسى ۋە بەخت-سائادىتىگە كاپالەتلىك قىلىش.
ئامېرىكا كۇئېن فوندى جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى روبېرت كۇئېن جۇڭگو يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتا چىڭ تۇرىدۇ، مەن بۇنىڭدىن زور ئۈمىد كۈتىمەن دېدى.
خەلقئارادىكى ئەربابلار مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگو يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئوچۇق دۇنيا ئىقتىسادى بەرپا قىلىشقا كۈچ چىقاردى، بۇ دۇنيانى جۇڭگونىڭ تەرەققىيات پۇرسىتىدىن تېخىمۇ زور دەرىجىدە بەھرىمەن قىلىدۇ. سۇرىيەنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى مېكداد مۇنداق دېدى: بىز ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان ئىككى يىغىننى تەبرىكلەيمىز، بىز رەئىس شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان «بىر بەلباغ، بىر يول»تەشەببۇسى، يەر شارى تەرەققىيات تەشەببۇسى، يەر شارى خەۋپسىزلىك تەشەببۇسىنى قوللايمىز.
گېرمانىيەنىڭ سودا ساھەسىدىكى ئەرباب فېلىكس سامېرۋىل شارف مۇنداق دېدى: جۇڭگونىڭ گۈللىنىشى ۋە تەرەققىياتى دۇنياغا نەپ يەتكۈزىدۇ. جۇڭگونىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى گېرمانىيە، ياۋروپا ھەتتا دۇنيا ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم. دۇنيادىكى ھالقىلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش جۇڭگو بىلەن بولغان ھەمكارلىقتىن ئايرىلالمايدۇ، بولۇپمۇ «بىر بەلباغ، بىر يول»تەشەببۇسى ئورتاق تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ئەڭ ياخشى سۇپا بىلەن تەمىنلىدى.
تەرجىمان: ئامانگۈل ھەبىبۇللا