ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ۋاڭ خۇنىڭ شياڭگاڭ، ئاۋمېن رايونىدىكى مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ بىرلەشمە گۇرۇپپا مۇزاكىرىسىگە قاتناشتى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2023-03-09 16:15

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى 1-يىغىنى ھەيئەت رىياسىتى يىغىنىنىڭ رىياسەتچىسى ۋاڭ خۇنىڭ 3-ئاينىڭ 8-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن شياڭگاڭ، ئاۋمېن رايونى مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ بىرلەشمە گۇرۇپپا يىغىنىغا قاتناشتى.

ۋاڭ خۇنىڭ تەن جىنچيۇ، لى جيامىڭ، ۋاڭ دۇڭشېڭ قاتارلىق ئەزالارنىڭ سۆزلىرىنى ئەستايىدىل ئاڭلىغاندىن كېيىن مۇنداق دېدى: يولداش شى جىنپىڭ يادرولىقىدىكى جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى شياڭگاڭ، ئاۋمېننىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى، باش شۇجى شى جىنپىڭ «بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش» ۋە شياڭگاڭ، ئاۋمېن خىزمىتى توغرىسىدا بىر قاتار ئىجادىي يېڭى قاراش، يېڭى ئىدىيە، يېڭى ئىستراتېگىيەنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، شياڭگاڭ، ئاۋمېننىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك مۇقىم تەرەققىيات ياخشى ۋەزىيىتىنى ساقلاشقا يېتەكچىلىك قىلدى ۋە تۈرتكە بولدى، «بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش» ئىشلىرى بارغانسېرى مۇقىم، تېخىمۇ ياخشى بولماقتا. جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ 20-قۇرۇلتىيى روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، دۆلەت ۋە شياڭگاڭ، ئاۋمېننىڭ تەرەققىياتىغا بولغان ئىشەنچنى چىڭىتىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈشتە شياڭگاڭ، ئاۋمېننىڭ ئۆزگىچە رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، شياڭگاڭ، ئاۋمېننىڭ تېخىمۇ گۈزەل ئەتىسىنى يارىتىش لازىم.«بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش»، شياڭگاڭنى شياڭگاڭلىقلار ئىدارە قىلىش، ئاۋمېننى ئاۋمېنلىقلار ئىدارە قىلىش، يۈكسەك ئاپتونومىيە فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك، توغرا، قەتئىي تەۋرەنمەي ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەركەزنىڭ ئومۇميۈزلۈك باشقۇرۇش، ئىدارە قىلىش ھوقۇقىنى قوللاپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شياڭگاڭنى ۋەتەنپەرۋەرلەر ئىدارە قىلىش، ئاۋمېننى ۋەتەنپەرۋەرلەر ئىدارە قىلىش پىرىنسىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش» ئىشلىرىنىڭ ھىمايىچىسى، ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزگۈچىسى، قوغدىغۇچىسى بولۇش كېرەك. شياڭگاڭلىق، ئاۋمېنلىق ئەزالارنىڭ «قوش ئىجابىي رولى»نى جارى قىلدۇرۇپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قەتئىي قوغداپ، بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ تەرەققىياتنى كۆزلەپ، خەلق تۇرمۇشىدىكى قىيىنچىلىقلارنى ھەقىقىي ھەل قىلىپ، ئىدىيە جەھەتتە يېتەكلەش، ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەش خىزمىتىنى كۆپرەك ئىشلەپ، «بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش»نىڭ مۇقىم، ئۇزاق داۋاملىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن ئەقىل-پاراسەت ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەش كېرەك.

تەرجىمان: ئادىل ئابلەت

中央广播电视总台 央广网 版权所有