ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى 1-يىغىنى ھەيئەت رىياسىتىنىڭ 2-يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى، ۋاڭ خۇنىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2023-03-09 16:15

سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى 1-يىغىنى ھەيئەت رىياسىتىنىڭ 2-يىغىنى 3-ئاينىڭ 8-كۈنى چۈشتىن كېيىن بېيجىڭدا ئېچىلدى، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى 1-يىغىنى ھەيئەت رىياسىتى يىغىنىنىڭ رىياسەتچىسى ۋاڭ خۇنىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

يىغىنىدا سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى 1-يىغىنىنىڭ سايلام چارىسى (لايىھەسى) قاراپ چىقىلدى ھەمدە پىرىنسىپ جەھەتتىن ماقۇللاندى، سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى، مۇئاۋىن رەئىسلىرى، باش كاتىپى، دائىمىي كومىتېت ئەزالىرىنىڭ تەكلىپ نامزاتى ئىسىملىكى ماقۇللاندى، سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى 1-يىغىنىنىڭ دائىمىي كومىتېتنىڭ خىزمەت دوكلاتى توغرىسىدىكى قارار (لايىھەسى)، سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى 1-يىغىنىنىڭ تەۋسىيە خىزمىتى ئەھۋالى ھەققىدىكى دوكلاتى توغرىسىدىكى قارار (لايىھەسى)، سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ 1-يىغىنىنىڭ جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى نىزامنامىسىنىڭ تۈزىتىلمىسى توغرىسىدىكى قارار (لايىھەسى)، سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى 1-يىغىنى تەۋسىيە تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى 1-يىغىنىنىڭ تەۋسىيەلەرنى تەكشۈرۈش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتى (لايىھەسى)، سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى بىرىنچى يىغىنىنىڭ سىياسىي قارارى (لايىھەسى) قاراپ چىقىلدى. يىغىندا يۇقىرىقى لايىھە ۋە ئىسىملىكنى بارلىق ئەزالارنىڭ مۇزاكىرە قىلىشى ۋە كېڭىشىشىگە سۇنۇش قارار قىلىندى.

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى، مەركىزىي كومىتېت بىرلىك سەپ خىزمىتى بۆلۈمىنىڭ باشلىقى شى تەيفېڭ قاتارلىقلار ئالاقىدار قارالمىلار توغرىسىدا ئىزاھات بەردى.

سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى 1-يىغىنى ھەيئەت رىياسىتىنىڭ دائىمىي رەئىسلىرىدىن خۇ چۈنخۇا، شېن يۆيۆ، ۋاڭ يۇڭ، جۇ چياڭ، پابالا گېلىلاڭجيې، خې خۇخۇا، لياڭ جېنيىڭ، باتېر، سۇ خۇي، شاۋ خۇڭ، گاۋ يۈنلۇڭ يىغىنغا قاتناشتى.

تەرجىمان: ئادىل ئابلەت

中央广播电视总台 央广网 版权所有