ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى 1-يىغىنى ھەيئەت رىياسىتى دائىمىي رەئىسلىرى يىغىنىنىڭ 1-يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2023-03-09 16:15

سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى 1-يىغىنى ھەيئەت رىياسىتى دائىمىي رەئىسلىرى يىغىنىنىڭ 1-يىغىنى 3-ئاينىڭ 8-كۈنى چۈشتىن كېيىن بېيجىڭدا ئېچىلدى، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى 1-يىغىنى ھەيئەت رىياسىتى يىغىنىنىڭ رىياسەتچىسى ۋاڭ خۇنىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

يىغىندا سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى 1-يىغىنىنىڭ سايلام چارىسى (لايىھەسى)، سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى، مۇئاۋىن رەئىسلىرى، باش كاتىپى، دائىمىي كومىتېت ئەزالىرىنىڭ تەكلىپ نامزاتى ئىسىملىكى (لايىھەسى)، سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى 1-يىغىنىنىڭ دائىمىي كومىتېتنىڭ خىزمەت دوكلاتى توغرىسىدىكى قارار (لايىھەسى)، سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى 1-يىغىنىنىڭ تەۋسىيە خىزمىتى ئەھۋالى ھەققىدىكى دوكلاتى توغرىسىدىكى قارار (لايىھەسى)، سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى 1-يىغىنىنىڭ جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى نىزامنامىسىنىڭ تۈزىتىلمىسى توغرىسىدىكى قارار (لايىھەسى)، سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى 1-يىغىنى تەۋسىيە تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى 1-يىغىنىنىڭ تەۋسىيەلەرنى تەكشۈرۈش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتى (لايىھەسى)، سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى 1-يىغىنىنىڭ سىياسىي قارار (لايىھەسى) قاراپ چىقىلدى ھەمدە پىرىنسىپ جەھەتتىن ماقۇللاندى. يىغىندا يۇقىرىقى لايىھەلەرنى سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى 1-يىغىنى ھەيئەت رىياسىتى 2-يىغىنىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇش قارار قىلىندى.

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى، مەركىزىي كومىتېت بىرلىك سەپ خىزمىتى بۆلۈمىنىڭ باشلىقى شى تەيفېڭ قاتارلىقلار ئالاقىدار لايىھەلەر توغرىسىدا ئىزاھات بەردى.
سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى 1-يىغىنى ھەيئەت رىياسىتىنىڭ دائىمىي رەئىسلىرىدىن خۇ چۈنخۇا، شېن يۆيۆ، ۋاڭ يۇڭ، جۇ چياڭ، پابالا گېلىلاڭجيې، خې خۇخۇا، لياڭ جېنيىڭ، باتېر، سۇ خۇي، شاۋ خۇڭ، گاۋ يۈنلۇڭ يىغىنغا قاتناشتى.

تەرجىمان: ئادىل ئابلەت

中央广播电视总台 央广网 版权所有