ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى كېڭەش 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 1-سانلىق يىغىنى ئېچىلدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2023-03-13 15:47

سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 1-سانلىق يىغىنى 3-ئاينىڭ 12-كۈنى چۈشتىن كېيىن بېيجىڭدا ئېچىلدى. جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋاڭ خۇنىڭ يىغىنغا قاتناشتى.

يىغىندا سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى 1-سانلىق يىغىنىنىڭ قارالمىلىرى قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى؛ سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مەخسۇس كومىتېتلارنى تەسىس قىلىش توغرىسىدىكى قارارى (لايىھەسى) توغرىسىدىكى ئىزاھات، سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى مەخسۇس كومىتېتلىرىنىڭ مۇدىرلىرى، مۇئاۋىن مۇدىرلىرىنىڭ ئىسىملىكى (لايىھەسى) توغرىسىدىكى ئىزاھات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى.
جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى شى تەيفېڭ ئېچىلىش يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى. مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى قوشۇمچە باش كاتىپى ۋاڭ دۇڭفېڭ ئالاقىدار قارالمىلار توغرىسىدا ئىزاھات بەردى.

مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىرىدىن خۇ چۈنخۇا، شېن يۆيۆ، ۋاڭ يۇڭ، جۇ چياڭ، پابالا گېلىلاڭجيې، خې خۇخۇا، لياڭ جېنيىڭ، باتېر، سۇ خۈي، شاۋ خۇڭ، گاۋ يۈنلۇڭ، چېن ۋۇ، مۇ خۇڭ، شيەن خۇي، جياڭ شىنجى، جياڭ زوجۈن، خې باۋشياڭ، ۋاڭ گۇاڭچيەن، چىن بويۇڭ، جۇ يۇڭشىن، ياڭ جېن يىغىنغا قاتناشتى.

تەرجىمان: ئادىل ئابلەت

中央广播电视总台 央广网 版权所有

سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى كېڭەش 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 1-سانلىق يىغىنى ئېچىلدى

سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 1-سانلىق يىغىنى 3-ئاينىڭ 12-كۈنى چۈشتىن كېيىن بېيجىڭدا ئېچىلدى