سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ 1-قېتىملىق رەئىسلەر يىغىنى ۋاڭ خۇنىڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە ئېچىلدى
سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ 1-قېتىملىق رەئىسلەر يىغىنى 3-ئاينىڭ 12-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن بېيجىڭدا ئېچىلدى. جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋاڭ خۇنىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەمدە سۆز قىلدى.
يىغىندا سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى 1-سانلىق يىغىنىنىڭ قارالما (لايىھەسى) ۋە كۈنتەرتىپى قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى، سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى مەملىكەتلىك 14-نۆۋەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 1-سانلىق يىغىنىنى 3-ئاينىڭ 12-، 13-كۈنلىرى بېيجىڭدا ئېچىش قارار قىلىندى. يىغىندا يەنە سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مەخسۇس كومىتېتلارنى تەسىس قىلىش توغرىسىدىكى قارارى (لايىھەسى) ۋە ئالاقىدار كادىرلار ئىشلىرى (لايىھەسى) قاتارلىقلار قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى، سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ 2023-يىللىق خىزمىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى قاراپ چىقىلدى ۋە پىرىنسىپ جەھەتتىن ماقۇللاندى. يىغىندا يۇقىرىقى لايىھەلەرنى سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى 1-سانلىق يىغىنىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇش قارار قىلىندى.
ۋاڭ خۇنىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئەمدىلا يېپىلغان سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ 1-يىغىنىدا، سايلام ئارقىلىق رەئىسلەر يىغىنى تەشكىللەندى، يېڭى بىر نۆۋەتلىك سىياسىي كېڭەش رەھبەرلىك بەنزىسى قۇرۇلدى، بۇ پارتىيە ۋە خەلقنىڭ مۇھىم تاپشۇرۇقى، شۇنداقلا بارلىق ئەزالارنىڭ ئىشەنچىسى. رەئىسلەر يىغىنىنىڭ ئەزالىرى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە جۇڭگو كومپارتىيەسى 20-قۇرۇلتىيى روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ خەلق سىياسىي كېڭىشى خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىپ، «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، دۆلەت ئۈچۈن مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش، خەلق ئۈچۈن مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش جەريانىدا، سىياسىي ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى، سىياسىي ئۆزلەشتۈرۈش ئىقتىدارى، سىياسىي ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، توغرا سىياسىي يۆنىلىشتە باشتىن-ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، دىققەتنى مەركىزىي خىزمەتكە مەركەزلەشتۈرۈپ، مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىپ، ئۆز قۇرۇلۇشىنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە سىياسىي كېڭەش خىزمىتىنى تىرىشىپ ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك.
مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى قوشۇمچە باش كاتىپى ۋاڭ دۇڭفېڭ قاتارلىقلار ئالاقىدار قارالمىلار توغرىسىدا ئىزاھات بەردى.
تەرجىمان: ئادىل ئابلەت