ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ سايلىنىشى پارتىيە ۋە خەلقنىڭ مايىللىقى، كۆپچىلىكنىڭ ئارزۇسى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2023-03-13 16:02

مەملىكەتلىك ئىككى يىغىنغا قاتناشقان مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى بىردەك مۇنۇلارنى بىلدۈردى: شى جىنپىڭ دۆلەتنىڭ رەئىسلىكىگە، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسلىكىگە سايلاندى، بۇ پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق ئارزۇسىنى تولۇق ئەكس ئەتتۈرۈپ، پارتىيە ئىرادىسى، خەلق ئىرادىسى، دۆلەت ئىرادىسىنىڭ يۈكسەك بىرلىكىنى تولۇق نامايان قىلىپ، مىليونلىغان خەلقنىڭ يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، غەيرەت-شىجائەتكە تولۇپ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، پارتىيە 20-قۇرۇلتىيىدا بېكىتىلگەن نىشان-ۋەزىپىلەرنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن بىرلىكتە كۈرەش قىلىشقا زور دەرىجىدە ئىلھاملاندۇردى.

ۋەكىللەر بىردەك مۇنداق دەپ قارىدى: سالماققا ئىگە سايلام بېلىتىگە مىليونلىغان خەلقنىڭ يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىنىڭ يول باشلىغۇچىسىغا بولغان ھەقىقىي ھىمايىسى ۋە چەكسىز ئىشەنچى مۇجەسسەملەنگەن.

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى جاڭ گۇاڭيۇڭ مۇنداق دېدى: خەلق سارىيىدىكى 3000 غا يېقىن ۋەكىل ھاياجانلاندى، ئالقىش ياڭراتتى بۇنى ھەقىقەتەن كۆپچىلىكنىڭ ئارزۇسى دېيىشكە بولىدۇ.

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى لېي يافېي مۇنداق دېدى: مەن مۇقەددەس بىر بېلەت تاشلاپ، ئۇلۇغ تارىخىي پەيتكە گۇۋاھ بولدۇم، خەلقنىڭ ئۇلۇغ داھىيسى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېتەكچىلىكىدە، چوقۇم تېخىمۇ كۈچلۈك دۆلەت قۇرۇپ چىقالايدىغانلىقىمىزغا، خەلق تۇرمۇشىنىڭ بارغانسېرى ياخشىلىنىدىغانلىقىغا قەتئىي ئىشىنىمەن.

يول باشلىغۇچى ئۇلۇغ دەۋرگە يۆنىلىش كۆرسىتىپ بېرىدۇ. يېڭى تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسىدا مىليونلىغان خەلق تولۇپ تاشقان ئىشەنچ ۋە ئارزۇ بىلەن، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ قۇدرەتلىك كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، مىللەتنى گۈللەندۈرۈشنىڭ پارلاق كەلگۈسىگە قاراپ چوڭ قەدەم بىلەن ئاتلىنىدۇ.

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى جيا شياۋلياڭ مۇنداق دېدى: بۇ سايلام نەتىجىسى بىزنى ئىلھاملاندۇردى، ئىشەنچىمىز تېخىمۇ ئاشتى. ئاساسىي قاتلامدىن كەلگەن جامائەت خەۋپسىزلىكى خەلق ساقچىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، تور بىخەتەرلىكى مۇداپىئە سېپىنى مۇستەھكەملەپ، خەلق ئاممىسىنىڭ بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ياخشى قوغدايمەن.

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى رەن خۇي مۇنداق دېدى: يېزا ئاساسىي قاتلامدىن كەلگەن ۋەكىل بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن چوڭقۇر ئىلھاملاندىم، بىزنىڭ ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىش ئىشەنچىمىز ۋە ئىرادىمىز تېخىمۇ كۈچەيدى، مەن چوقۇم تېخىمۇ تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق بىلەن يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە ئاتلىنىپ، يۇرتداشلارنى تىرىشىپ كۈرەش قىلىشقا يېتەكلەپ، ئورتاق بېيىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكى ۋە يېزىلارنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىمەن.

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى گاۋ كې مۇنداق دېدى: مەن ناھايىتى ھاياجانلاندىم. 1995-يىلدىن كېيىن تۇغۇلغان ئېلېكتىر تورى ياشلىرى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەۋقەنى ئۆز خىزمەت ئورنۇمغا قارىتىپ، مەسئۇلىيىتىمنى تولۇق ئادا قىلىپ، «خەلق ئېلېكتىر كەسپىنى خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇش»بۇرچىنى دادىل ئۈستۈمگە ئالىمەن!

ئۇلۇغ ئىشلارغا چوقۇم رولچى تەمكىنلىك بىلەن يول باشلايدۇ. ۋەكىللەر شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىدۇكى، يولداش شى جىنپىڭ يادرولىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشى ناملىق غايەت زور پاراخوتى دولقۇن يېرىپ، پۇختا قەدەم بىلەن يىراققا يۈرۈش قىلىدۇ.

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى يەن كې مۇنداق دېدى: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ رول تۇتۇپ يول باشلىشى بىلەن، بىر مىليارد 400 مىليوندىن ئارتۇق جۇڭگو خەلقى كۈچلۈك تايانچقا ئىگە بولدى. بىز ئىككى قىرغاقنىڭ ئالاقە ۋە ھەمكارلىقى، يۇغۇرما تەرەققىياتىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىلگىرى سۈرۈپ، ۋەتەننىڭ تولۇق بىرلىككە كېلىشى، مىللەتنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت شەرەپلىك ئۇلۇغۋار ئىشنى ئورتاق ئاشۇرۇشىمىز كېرەك.

تەرجىمان: ئادىل ئابلەت، ئامانگۈل ھەبىبۇللا

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ سايلىنىشى پارتىيە ۋە خەلقنىڭ مايىللىقى، كۆپچىلىكنىڭ ئارزۇسى

مەملىكەتلىك ئىككى يىغىنغا قاتناشقان مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى بىردەك مۇنۇلارنى بىلدۈردى: شى جىنپىڭ دۆلەتنىڭ رەئىسلىكىگە، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسلىكىگە سايلاندى، بۇ پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق ئارزۇسىنى تولۇق ئەكس ئەتتۈرۈپ، پارتىيە ئىرادىسى، خەلق ئىرادىسى، دۆلەت ئىرادىسىنىڭ يۈكسەك بىرلىكىنى تولۇق نامايان قىلىپ، م