مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ئاساسىي قانۇنغا قەسەم بېرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى، جاۋ لېجى رىياسەتچىلىك قىلدى ھەمدە قەسەم بېرىشنى نازارەت قىلدى
14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 3-ئاينىڭ 14-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن بېيجىڭ خەلق سارىيىدا ئاساسىي قانۇنغا قەسەم بېرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى جاۋ لېجى رىياسەتچىلىك قىلدى ھەمدە قەسەم بېرىشنى نازارەت قىلدى.
چۈشتىن بۇرۇن سائەت 11 دە، جاۋ لېجى ئاساسىي قانۇنغا قەسەم بېرىش مۇراسىمىنىڭ باشلانغانلىقىنى جاكارلىدى. ھەممەيلەن ئورنىدىن تۇرۇپ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت شېئىرىنى ئوقۇدى.
ئەمدىلا يېپىلغان 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 1-سانلىق يىغىنىدا ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەن 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپلىرى ئاساسىي قانۇن ۋە ئالاقىدار قانۇنلاردىكى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، ئاساسىي قانۇنغا قەسەم بەردى.
قەسەم بېرىپ بولغاندىن كېيىن، جاۋ لېجى كۆپچىلىكنىڭ قەسىمىنى باشتىن-ئاخىر ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئاساسىي قانۇنغا سادىق بولۇپ، ئاساسىي قانۇنغا رىئايە قىلىپ، ئاساسىي قانۇننى قوغداپ، ئاساسىي قانۇننىڭ يولغا قويۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئاساسىي قانۇندىكى بۇرچىنى ئادا قىلىشىنى ئۈمىد قىلدى.
تەرجىمان: ئىمىنجان ئىسمايىل