سودا مىنىستىرلىقى: چەت ئەل مەبلىغى بازار ئىجازىتىنى قويۇۋېتىشنى
جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تور 17-مارت بېيجىڭ خەۋىرى:
سودا مىنىستىرلىقى 3-ئاينىڭ 16-كۈنى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى ئىككى ئېيىدا، ئېلىمىزنىڭ تاشقى سودىسى مۇقىم تەكشى بولۇپ، بىر قەدەر كۈچلۈك تەرەققىيات ئېلاستىكلىقىنى نامايان قىلدى. ئېلىمىز چەت ئەل مەبلىغى بازار ئىجازىتىنى قويۇۋېتىشنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈپ، تۈزۈم تىپىدىكى ئېچىۋېتىشنى پۇختا قەدەم بىلەن كېڭەيتىدۇ.
سودا مىنىستىرلىقىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى شۇ جۆتىڭ مۇنداق دەپ قارىدى: ئېلىمىزنىڭ تاشقى سودىسى مۇقىم تەكشى بولدى، پۇقراۋى كارخانىلار تېخىمۇ جانلاندى، بۇ دۆلەت ئىچى ئىقتىسادىنىڭ مۇقىم ئاشقانلىقى، چېگرا ھالقىغان ئالاقىنىڭ تېخىمۇ راۋانلاشقانلىقى، تاشقى سودا يېڭى قۇۋۋىتىنىڭ داۋاملىق قويۇپ بېرىلگەنلىكىنىڭ نەتىجىسى، شۇنداقلا كۆپ نۆۋەتلىك سىياسەت ئۈنۈمىنىڭ داۋاملىق نامايان بولغانلىقى، كارخانا سۇبيېكتىنىڭ قىيىنچىلىقنى يېڭىپ ئىلگىرىلىگەنلىكىنىڭ نەتىجىسى.
نۆۋەتتە تاشقى مۇھىتنىڭ ئېنىقسىزلىقى كۈچىيىۋاتىدۇ، دۇنيا پۇل پاخاللىقى يەنىلا ئۆرلەپ چۈشمەيۋاتىدۇ، دۇنيا ئىقتىسادى ۋە سودىسىنىڭ ئېشىش ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى ئاجىزلاۋاتىدۇ، تاشقى بېسىم ۋە چەكلىمە ئۈزلۈكسىز كۈچىيىۋاتىدۇ. شۇ جۆتىڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇ يىل «جۇڭگوغا مەبلەغ سېلىش يىلى» سودىگەر ۋە مەبلەغ جەلپ قىلىش يۈرۈشلۈك پائالىيىتىدە «جۇڭگوغا مەبلەغ سېلىپ، ئېچىۋېتىلگەن، گۈللەنگەن گۈزەل كەلگۈسىنى بىرلىكتە يارىتايلى» باش تېما قىلىنىپ، ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ بايلىقىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، سودىگەر ۋە مەبلەغ جەلپ قىلىشنى دائىملاشتۇرۇش، سىستېمىلاشتۇرۇش، كۆپ مەنبەلەشتۈرۈشى ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ.
بۇنىڭدىن باشقا، سودا مىنىستىرلىقى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: 133-نۆۋەتلىك گۇاڭجۇ يەرمەنكىسىنى تور سىرتىدا ئۆتكۈزۈش ئومۇميۈزلۈك ئەسلىگە كەلتۈرۈلىدۇ. بۇ نۆۋەتلىك گۇاڭجۇ يەرمەنكىسىدە يېڭىدىن پۈتكەن Dكۆرگەزمە رايونى تۇنجى قېتىم ئىشقا كىرىشتۈرۈلىدۇ، كۆرگەزمە كۆلىمى 1 مىليون 500 مىڭ كىۋادرات مېتىرغا يېتىدۇ، كۆرگەزمىگە قاتناشقان كارخانا 30 مىڭدىن ئاشىدۇ.
تەرجىمان: پاتىگۈل