ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ۋاڭ خۇنىڭ مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ 3- قېتىملىق رەئىسلەر يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2023-03-28 12:19

سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ 3-قېتىملىق رەئىسلەر يىغىنى 3-ئاينىڭ 27-كۈنى چۈشتىن كېيىن بېيجىڭدا ئېچىلدى. جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋاڭ خۇنىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.

ۋاڭ خۇنىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ قېتىمقى رەئىسلەر يىغىنىدا مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ 2023-يىلىدىكى مۇھىم خىزمەتلىرى مۇزاكىرە قىلىنىپ ئورۇنلاشتۇرۇلدى، ئىجرا قىلىش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ھەقىقىي چىڭ تۇتۇش كېرەك. بىرىنچى، يېڭىلىق يارىتىش نەزەرىيەسى بىلەن قوراللىنىشنى كۈچەيتىپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى نۇقتىلىق ياخشى ئۆگىنىپ، ياخشى ئۆزلەشتۈرۈپ، ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇپ، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ سىياسىي كېڭەش خىزمىتىگە بولغان تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش جەريانىدا مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەپ، ئىسلاھ قىلىپ، يېڭىلىق يارىتىپ، سىياسىي كېڭەش خىزمىتىنىڭ سۈپىتى ۋە سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك. ئىككىنچى، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ خاراكتېرى ۋە ئورنىنى توغرا ئىگىلەپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ ئومۇمىيىتىنى نەزەردە تۇتۇپ، ئاساسىي قانۇن ۋە سىياسىي كېڭەش نىزامنامىسى ھەمدە ئالاقىدار تۈزۈم، بەلگىلىمىلەر بويىچە مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىش كېرەك. ئۈچىنچى، پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنى باشلامچىلىق بىلەن ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش، سىياسىي كېڭەشنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش جەريانىدا دېموكراتىيەنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، كېڭىشىش، ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىش پائالىيىتىدە ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىپ، باراۋەر كېڭىشىپ، كەڭ ـ كۇشادە پىكىر بايان قىلىدىغان، ھەر كىم ئۆز پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويىدىغان ياخشى كەيپىيات شەكىللەندۈرۈش كېرەك. تۆتىنچى، ئاساسنى ياخشى سېلىپ، سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ، مەخسۇس كومىتېت قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئىستىلىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى چىڭ تۇتۇپ، ئەزالارنىڭ ئەقىل ـ پاراسىتى ۋە كۈچىنى دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىغا مۇجەسسەملەپ، سىياسىي كېڭەشنىڭ فۇنكسىيەلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش كېرەك.

يىغىندا سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىرىنىڭ مەخسۇس كومىتېتلار، ساھەلەر ۋە ئەزالار بىلەن ئالاقىلىشىش خىزمەت چارىسى، سىياسىي كېڭەش 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئۆگىنىش لېكسىيەسىنىڭ 2023-يىللىق پايدىلىنىش تېمىسى، سىياسىي كېڭەش 14ـ نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى رەئىسلەر يىغىنىنىڭ 2023-يىللىق ئۆگىنىش پىلانى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ 2023-يىللىق قوش ھەپتىلىك كېڭىشىش سۆھبەت يىغىنى ۋە يىراق مۇساپىلىك كېڭىشىش يىغىنىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ 2023ـ يىللىق كۆزدىن كەچۈرۈش، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئورۇنلاشتۇرۇشى،  مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ 2023-يىللىق تاشقى ئالاقە خىزمىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى قاتارلىقلار قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى. سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى 1- يىغىنىنىڭ نۇقتىلىق تەۋسىيلەرنىڭ تېمىسىنى تاللاش ۋە بېجىرىشكە ھەيدەكچىلىك قىلىش ئۇسۇلى تەتقىق قىلىپ ماقۇللاندى، 72 نۇقتىلىق تەۋسىيە تاللاش تېمىسى قىلىپ بېكىتىلدى.

مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى قوشۇمچە باش كاتىپى ۋاڭ دۇڭفېڭ قاتارلىقلار ئالاقىدار قارالمىلار توغرىسىدا ئىزاھات بەردى.

تەرجىمان: پاتىگۈل مەمەت

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ۋاڭ خۇنىڭ مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ 3- قېتىملىق رەئىسلەر يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى

سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ 3-قېتىملىق رەئىسلەر يىغىنى 3-ئاينىڭ 27-كۈنى چۈشتىن كېيىن بېيجىڭدا ئېچىلدى. جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋاڭ خۇنىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.