ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

لى شى مەملىكەتلىك كۆزىتىش خىزمىتى يىغىنى ۋە 20-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتنىڭ 1-نۆۋەتلىك كۆزىتىش سەپەرۋەرلىك ئورۇنلاشتۇرۇش يىغىنىغا قاتناشتى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2023-03-28 12:19

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركەز كۆزىتىش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى لى شى 3-ئاينىڭ 27-كۈنى مەملىكەتلىك كۆزىتىش خىزمىتى يىغىنى ۋە 20-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتنىڭ 1-نۆۋەتلىك كۆزىتىش سەپەرۋەرلىك ئورۇنلاشتۇرۇش يىغىنىغا قاتناشتى ھەمدە سۆز قىلدى. يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ كۆزىتىش خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، بۇ يىللىق كۆزىتىش خىزمىتى مۇزاكىرە قىلىپ ئورۇنلاشتۇرۇلدى، يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 20-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، توغرا يولدا چىڭ تۇرۇپ يېڭىلىق يارىتىپ، دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، توغرا نازارەت قىلىپ، كۆزىتىش خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

لى شى مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: يېڭى مۇساپىدە كۆزىتىش خىزمىتىنىڭ مەسئۇلىيىتى ۋە بۇرچىنى تېخىمۇ ياخشى ئادا قىلىشتا، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ كۆزىتىش خىزمىتى توغرىسىدىكى يېڭى ئورۇنلاشتۇرمىسى، يېڭى تەلىپىنى توغرا ئىگىلەش كېرەك. سىياسىي كۆزىتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «ئىككىنى قوغداش» تۈپ ۋەزىپىسىنى ھەقىقىي ئۈستىگە ئېلىش كېرەك. ئومۇمىيەتكە كاپالەتلىك قىلىشقا مۇلازىمەت قىلىپ، پارتىيە 20-قۇرۇلتىيىنىڭ روھى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ھەيدەكچىلىك قىلىش كېرەك. خەلقنىڭ مەيدانىدا چىڭ تۇرۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ مەنپەئەتىنى ھەقىقىي قوغداش، پارتىيەنىڭ خەلق ئاممىسى بىلەن بولغان قان بىلەن گۆشتەك مۇناسىۋىتىنى ساقلاش كېرەك. بايقالغان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، كۆزىتىشكە ئاساسەن تۈزىتىش ۋە نەتىجىدىن پايدىلىنىشنى كۈچەيتىش كېرەك. نازارەتچىلىك ئۈنۈمىنى كۈچەيتىپ، كۆزىتىش، تەكشۈرۈشنىڭ يۇقىرى-تۆۋەن بىرلىشىپ ھەرىكەتلىنىش ئەندىزىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كۆزىتىش، نازارەت قىلىش بىلەن باشقا نازارەتچىلىكنى تۇتاشتۇرۇش، ماسلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ئۆتكۈر شەمشەرلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان، كۈرەش قىلىشقا جۈرئەت قىلالايدىغان، كۈرەش قىلىشقا ماھىر كۆزىتىش پولات قوشۇنى بەرپا قىلىش كېرەك.

لى شى مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: 20-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتنىڭ 1-نۆۋەتلىك كۆزىتىش خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەش كېرەك. مەركەز باشقۇرۇشىدىكى كارخانىلارنى دائىملىق كۆزىتىشتە، دىققەتنى كارخانا پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ پارتىيە رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتىكى سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش قاتارلىق ئەھۋاللىرىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تەسىر كۆرسىتىۋاتقان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى كۈچەپ تېپىپ چىقىش كېرەك.  پۇل مۇئامىلە ئورۇنلىرىنى«قايتا كۈزىتىش»تە، ئالدىنقى نۆۋەتلىك كۆزىتىشكە ئاساسەن تۈزىتىش تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى ئەمەلىي ھەرىكەت ۋە نەتىجە-ئۈنۈمنى چوڭقۇر تەكشۈرۈش كېرەك. دۆلەتلىك تەنتەربىيە باش ئىدارىسىنى ھەرىكەتچان كۆزىتىشتە، تەنتەربىيە ساھەسى، بولۇپمۇ پۇتبول ساھەسىدىكى چىرىكلىك ۋە چوڭقۇر قاتلاملىق تۈزۈلمە، مېخانىزم مەسىلىلىرىنى چوڭقۇر تېپىپ چىقىش ۋە ھەل قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

لى گەنجيې 20-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتنىڭ 1-نۆۋەتلىك كۆزىتىش گۇرۇپپىسى باشلىقىغا ھوقۇق بېرىش، ۋەزىپىگە تەيىنلەش ۋە ۋەزىپە تەقسىماتى قارارىنى ئېلان قىلدى، ليۇ جىنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

تەرجىمان: پاتىگۈل مەمەت

中央广播电视总台 央广网 版权所有

لى شى مەملىكەتلىك كۆزىتىش خىزمىتى يىغىنى ۋە 20-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتنىڭ 1-نۆۋەتلىك كۆزىتىش سەپەرۋەرلىك ئورۇنلاشتۇرۇش يىغىنىغا قاتناشتى

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركەز كۆزىتىش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى لى شى 3-ئاينىڭ 27-كۈنى مەملىكەتلىك كۆزىتىش خىزمىتى يىغىنى ۋە 20-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتنىڭ 1-نۆۋەتلىك كۆزىتىش سەپەرۋەرلىك ئورۇنلاشتۇرۇش يىغىنىغا قاتناشتى ھەمدە سۆز قىلدى.