ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

بوئاۋ ئاسىيا مۇنبىرى بايراقدار دوكلات ئېلان قىلدى: ئاسىيا دۇنيا ئىقتىسادىدىكى يارقىن نۇقتىغا ئايلاندى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2023-03-29 15:35

بوئاۋ ئاسىيا مۇنبىرىنىڭ 2023-يىللىق يىغىنى 3-ئاينىڭ 28-كۈنى تۇنجى مەيدان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچتى ھەمدە بايراقدار دوكلات ئېلان قىلدى. دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، 2023-يىلى دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ مۇھىم موتورى بولغان ئاسىيا ئىقتىسادىي گەۋدىسىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئەسلىگە كېلىش قەدىمى تېزلىشىپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئاستىلاش چوڭ ئارقا كۆرۈنۈشىدىكى بىر چوڭ يارقىن نۇقتىغا ئايلانغان.

بوئاۋ ئاسىيا مۇنبىرىنىڭ 2023-يىللىق يىغىنىنىڭ باش تېمىسى «ئېنىقسىز دۇنيا: ئىتتىپاقلىشىپ ھەمكارلىشىپ خىرىسقا تاقابىل تۇرۇش، ئېچىۋېتىش، سىغدۇرۇشچان بولۇش ئارقىلىق تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش». بوئاۋ ئاسىيا مۇنبىرىنىڭ باش كاتىپى لى باۋدۇڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇ يىللىق يىغىن پۈتۈنلەي تور سىرتىدا ئۆتكۈزۈلدى. دەسلەپكى ئىستاتىستىكىغا قارىغاندا، بۇ يىل 50 نەچچە دۆلەت ۋە رايوندىن كەلگەن تەخمىنەن 2000 ۋەكىل يىللىق يىغىنغا قاتناشقان. بۇ يىل بىز: «تەرەققىيات ۋە ئومۇميۈزلۈك نەپ يەتكۈزۈش»، «ئىدارە قىلىش ۋە خەۋپسىزلىك»، «رايون ۋە دۇنيا»، «ھازىر ۋە كەلگۈسى»دىن ئىبارەت تۆت بۆلەك تەسىس قىلدۇق.

بايراقدار دوكلات «ئاسىيا ئىقتىسادىنىڭ ئىستىقبالى ۋە بىرگەۋدىلەشتۈرۈش مۇساپىسى 2023-يىللىق دوكلات»تا مۆلچەرلىنىشىچە، 2023-يىلى ئاسىيا ئىقتىسادىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئەسلىگە كېلىش قەدىمى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈلىدىكەن، ئاسىيا ئىقتىسادىي گەۋدىسىنىڭ 2023- يىلىدىكى ۋەزىنلىك ئەمەلىي ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ ئېشىش نىسبىتى %4.5 بولۇپ، 2022-يىلىدىكى %4.2تىن سەل ئېشىپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئاستىلاش چوڭ ئارقا كۆرۈنۈشىدىكى بىر چوڭ يارقىن نۇقتىغا ئايلىنىدىكەن.

لى باۋدۇڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئەسلىگە كېلىشى ئاسىيا ۋە دۇنياغا ئاكتىپ سىگنال بەردى. ئاسىيا بولسا كۆپ تەرەپچىلىكنىڭ قەتئىي قوغدىغۇچىسى ۋە دۇنيا ئىقتىسادىنى تۈزەشنىڭ پائال ئىلگىرى سۈرگۈچىسى، 20 دۆلەت گۇرۇھى رەھبەرلىرى ئۇدا ئىككى يىل ئاسىيادا جەم بولۇپ، دۇنياۋى ئىدارە قىلىش «ئاسىيا ۋاقتى»غا كىردى.

«ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىي قىلىدىغان ئاسىيا ۋە دۇنيا 2023-يىللىق دوكلات» نامىلىق بايراقدار دوكلاتتا دىققەت «ئاسىيا تەرەققىياتى مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش: ھۆكۈمەت، جەمئىيەت ئورتاق ھەرىكەت قىلىش» دېگەن مەزمۇنغا مەركەزلەشتى. ئاسىيا رايونى ئىزچىل تەرەققىيات مەبلىغى يۈرۈشتۈرۈشتىكى قىزىق نۇقتىلىق رايونلارنىڭ بىرى، بوئاۋ ئاسىيا مۇنبىرى تەتقىقات يۇرتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ساۋ لى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: دوكلاتتا كۆپ تەرەپلىك تەرەققىيات بانكىسى، دۆلەتلەر ئايرىم تەرەققىيات مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش ئاپپاراتى قاتارلىق جەھەتلەردە سەككىز تۈرلۈك تەكلىپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

تەرجىمان: ئىمىنجان ئىسمايىل

中央广播电视总台 央广网 版权所有

بوئاۋ ئاسىيا مۇنبىرى بايراقدار دوكلات ئېلان قىلدى: ئاسىيا دۇنيا ئىقتىسادىدىكى يارقىن نۇقتىغا ئايلاندى

بوئاۋ ئاسىيا مۇنبىرىنىڭ 2023-يىللىق يىغىنى 3-ئاينىڭ 28-كۈنى تۇنجى مەيدان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچتى ھەمدە بايراقدار دوكلات ئېلان قىلدى.