ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

خەن جېڭ چىڭخۇا داشۆسى ئىقتىساد باشقۇرۇش شۆيۈەنى مەسلىھەتچىلەر كومىتېتى ئەزالىرى ۋەكىللىرى بىلەن سۆھبەتلەشتى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2023-03-29 15:41

دۆلەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى خەن جېڭ 3-ئاينىڭ 28-كۈنى بېيجىڭدا چىڭخۇا داشۆسى ئىقتىساد باشقۇرۇش شۆيۈەنى مەسلىھەتچىلەر كومىتېتى ئەزالىرى ۋەكىللىرى بىلەن سۆھبەتلەشتى. خەن جېڭ مۇنداق دېدى: ھازىرقى جۇڭگونى چۈشىنىش ئۈچۈن، جۇڭگو كومپارتىيەسى 20- قۇرۇلتىيىنىڭ جۇڭگونىڭ كەلگۈسى بىر مەزگىللىك تەرەققىياتى توغرىسىدا چىقارغان ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرۇشىنى چوڭقۇر چۈشىنىش كېرەك. جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ كۈرەش نىشانى 1 مىليارد 400 مىليوندىن ئارتۇق جۇڭگو خەلقىنى گۈزەل تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرۈش. جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ مەركىزىي ۋەزىپىسى-جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش. خەن جېڭ جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ تارىخىي لوگىكىسى ۋە روشەن ئالاھىدىلىكىنى شەرھلەپ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا بېكىتىلگەن ئەندىزە ۋە ئۆلچەم يوق، چوقۇم ئۆز دۆلىتى ئەھۋالىنى ئاساس قىلىش، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئەمەلىيىتىگە ئۇيغۇن بولۇش كېرەك. جۇڭگو ئومۇمىي خەلق تەڭ بېيىش يولىدا مېڭىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئادەم بىلەن تەبىئەتنىڭ ئىناق ئۆتۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈردى، بۇلارنىڭ ھەممىسى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ماھىيەتلىك تەلىپى. جۇڭگو سىرتقا ئېچىۋېتىشتىن ئىبارەت ئاساسىي دۆلەت سىياسىتىدە داۋاملىق چىڭ تۇرۇپ، بازار ئىجازىتىنى سىجىل قويۇۋېتىپ، تىجارەت ـ سودا مۇھىتىنى ياخشىلاپ، ھەرقايسى دۆلەت كارخانىلىرى بىلەن تەڭ تىرىشىپ، دۇنيا كەسىپ زەنجىرى، تەمىنات زەنجىرىنىڭ مۇقىملىقىنى قوغدايدۇ.

خەن جېڭ مۇنداق دېدى: رەئىس شى جىنپىڭ مەسلىھەتچىلەر كومىتېتىنىڭ خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، كومىتېتنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇش، جۇڭگو بىلەن چەت ئەلنىڭ ئەمەلىي ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدا سەمىمىي ئۈمىدىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئەزالار جۇڭگونىڭ مائارىپ ئىشلىرىغا ئۇزاقتىن بۇيان كۆڭۈل بۆلۈپ ۋە مەدەت بېرىپ كەلدى، بىز بۇنىڭغا ئاپىرىن ئوقۇيمىز. مائارىپ دۆلەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈشنىڭ ئالدىنقى شەرتى، مائارىپقا مەبلەغ سېلىش كەلگۈسىگە مەبلەغ سالغانلىق. جۇڭگو ھۆكۈمىتى يۇقۇمنىڭ زەربىسى ۋە ئىقتىسادنىڭ تۆۋەنلەش خىرىسىنى يېڭىپ، مائارىپ مالىيە سېلىنمىسىنى ئازايتماسلىق، قوللاش سالمىقىنى ئازايتماسلىقتا چىڭ تۇردى. ئەزالارنىڭ جۇڭگونىڭ تەرەققىيات ئىشلىرىغا داۋاملىق چوڭقۇر قاتنىشىپ، جۇڭگو-چەت ئەل مائارىپ، پەن-تېخنىكا ئالاقىسى ۋە ھەمكارلىقىغا پائال كۈچ چىقىرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

مەسلىھەتچىلەر كومىتېتىنىڭ رەئىسى، ئالما شىركىتىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى تىم كۇك قاتارلىقلار جۇڭگو بىلەن بولغان مائارىپ ئالماشتۇرۇشى، ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش ھەمكارلىقى قاتارلىق ئەھۋاللارنى تونۇشتۇردى. ئۇلار جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ تەڭ پايدا ئېلىشتا چىڭ تۇرغانلىقىغا يۈكسەك ئاپىرىن ئوقۇدى، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش يېڭى پۇرسىتىدىن زور ئۈمىد كۈتتى، جۇڭگوغا مەبلەغ سېلىش ۋە يېشىل ئىقتىساد، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات، يېڭىلىق يارىتىش، تەتقىق قىلىپ ئېچىش قاتارلىق جەھەتلەردىكى سېلىنمىنى داۋاملىق كېڭەيتىپ، جۇڭگونىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا ياردەم بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

تەرجىمان: پاتىگۈل مەمەت

中央广播电视总台 央广网 版权所有

خەن جېڭ چىڭخۇا داشۆسى ئىقتىساد باشقۇرۇش شۆيۈەنى مەسلىھەتچىلەر كومىتېتى ئەزالىرى ۋەكىللىرى بىلەن سۆھبەتلەشتى

دۆلەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى خەن جېڭ 3-ئاينىڭ 28-كۈنى بېيجىڭدا چىڭخۇا داشۆسى ئىقتىساد باشقۇرۇش شۆيۈەنى مەسلىھەتچىلەر كومىتېتى ئەزالىرى ۋەكىللىرى بىلەن سۆھبەتلەشتى