ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى «ئامېرىكىنىڭ كىشىلىك ھوقۇققا دەخلى تەرز يەتكۈزۈش 2022-يىللىق دوكلاتى»نى ئېلان قىلدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2023-03-29 15:42

 گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى 3-ئاينىڭ 28-كۈنى «ئامېرىكىنىڭ كىشىلىك ھوقۇققا دەخلى تەرز يەتكۈزۈش 2022-يىللىق دوكلاتى»نى ئېلان قىلىپ، ئامېرىكىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىغا دەخلى تەرز يەتكۈزۈشتىكى ھەقىقىي ئەھۋالىنى پاش قىلدى.

دوكلات كىرىش سۆز، پۇقرالارنىڭ ھوقۇقىنى قوغداش تۈزۈمىنىڭ ئېغىر دەرىجىدە كارغا كەلمەسلىكى، ئامېرىكىچە سايلام دېموكراتىيەسىنىڭ كۈندىن-كۈنگە كاۋاكلىشىپ كېتىشى، ئىرقىي كەمسىتىش ۋە باراۋەرسىزلىكنىڭ بارغانسېرى كۈچىيىپ كېتىشى، تۆۋەن قاتلامدىكى ئاممىنىڭ ئاساسىي ياشاش كىرىزىسىنىڭ ئېغىرلىشىشى، ئاياللار ۋە بالىلار ھوقۇقىنىڭ تارىخىي خاراكتېرلىك چېكىنىشى، باشقا دۆلەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىغا خالىغانچە دەخلى-تەرۇز قىلىش ۋە ھەققانىيەتنى دەپسەندە قىلىش دەپ جەمئىي يەتتە قىسىمغا بۆلۈندى.

دوكلاتتا مۇنداق دېيىلدى: 2022-يىلى ئامېرىكىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالى بەلگىلىك چېكىنگەن بىر يىل. ئۆزىنى «كىشىلىك ھوقۇقنىڭ قوغدىغۇچىسى» دەپ ماختايدىغان ئامېرىكىدا پۇل سىياسىسى، ئىرقىي كەمسىتىش، قورال-ياراغ يامراپ كېتىش، ساقچىلار زوراۋانلىقى، باي-نامراتلىق پەرقى قاتارلىق جاھىل كېسەللەرنى يوقىتىش تەسكە توختىدى، كىشىلىك ھوقۇققا دائىر قانۇن چىقىرىش، قانۇن يۈرگۈزۈش تارىخى كەينىگە يېنىپ، ئامېرىكا خەلقىنىڭ ئاساسىي ھوقۇقى ۋە ئەركىنلىكى تېخىمۇ قۇرۇق نەرسىگە ئايلىنىپ قالدى.

دوكلاتتا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: ئامېرىكا ئەسەبىي زوراۋان دەپ ئېنىقلىما بېرىلگەن دۆلەت، خەلق ئاممىسى زوراۋانلىق جىنايىتى ۋە زوراۋانلىق بىلەن قانۇن ئىجرا قىلىشتىن ئىبارەت قوش تەھدىتكە ئۇچرايدۇ، پۇقرالارنىڭ جىسمانىي بىخەتەرلىكى كاپالەتكە ئىگە ئەمەس. تۈرمە ئادەم بىلەن لىق تولۇپ، ھازىرقى زاماندىكى قۇل سورۇنىغا ئايلىنىپ قالدى، مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش ۋە جىنسىي ئېكسپىلاتاتسىيە ئادەتكە ئايلىنىپ قالدى.

دوكلاتتا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: ئامېرىكىچە دېموكراتىيە ئەل رايى ئاساسىنى يوقاتقان. ئامېرىكىنىڭ سايلام خىراجىتى داۋاملىق ئۆرلەۋاتىدۇ، «قارا مەبلەغ» ئىئانە قىلىش يوشۇرۇن ھالدا سايلام يۆنىلىشىنى كونترول قىلماقتا، سىياسىي قۇتۇپلىشىش ۋە جەمئىيەتنىڭ بۆلىنىشى دېموكراتىيە ئورتاق تونۇشى ھاسىل قىلىشنى تەسلەشتۈرۈپ، كىشىلەر ئامېرىكىچە دېموكراتىيەدىن ئومۇميۈزلۈك ئۈمىدسىزلەندى.

دوكلاتتا مۇنۇلار تەكىتلەندى: ئامېرىكىدا ئىرقچىلىق بارغانسېرى ئەۋج ئېلىپ، ئاز سانلىق مىللەتلەر پۇشتىدىن بولغانلار كەڭ كۆلەمدە كەمسىتىشكە ئۇچرىدى؛ كىشىلەرنىڭ ئوتتۇرىچە كۆزلىمە ئۆمرى زور دەرىجىدە تۆۋەنلىدى، دورىنى قالايمىقان ئىشلىتىپ ئۆلۈپ كەتكەنلەرنىڭ سانى داۋاملىق ئاشتى؛ بالىلارنىڭ ياشاش مۇھىتى كىشىنى ئەندىشىگە سالىدۇ. ئامېرىكا ئىككى قۇتۇپقا بۆلۈنگەن ئىقتىسادىي تەقسىمات ئەندىزىسى، ئىرقىي توقۇنۇشتىن ئىبارەت ئىجتىمائىي ئەندىزە ۋە كاپىتال مەنپەئەت گۇرۇھى كونترول قىلىدىغان سىياسىي ئەندىزىنىڭ ئۆزئارا تەسىرى ئاستىدا، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان تۈزۈم كارغا كەلمەسلىك، ئىدارە قىلىش كەمچىل بولۇش، مىللەتلەر بۆلۈنۈش، جەمئىيەت داۋالغۇش پاتقىقىغا تېخىمۇ پېتىپ قالدى.

دوكلاتتا مۇنداق دەپ قارالدى: مۇشتۇمزورلار مەنپەئەتى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان ئامېرىكا سىياسەتۋازلىرى ئادەتتىكى خەلق ئاممىسىنىڭ ئاساسىي تەلىپىگە ئىنكاس قايتۇرۇش، ئادەتتىكى پۇقرالارنىڭ ئاساسىي ھوقۇقىنى قوغداشتىكى سۇبيېكتىپ ئارزۇسى ۋە ئوبيېكتىپ ئىقتىدارىنى تەدرىجىي يوقىتىپلا قالماي، ئۆزىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدىكى قۇرۇلما خاراكتېرلىك جاھىل كېسىلىنى ساقايتماي، ئەكسىچە كىشىلىك ھوقۇقنى قورال قىلىپ باشقا دۆلەتلەرگە ھۇجۇم قىلىپ، خەلقئارا جەمئىيەتتە قارشىلىشىش، بۆلۈنۈش ۋە قالايمىقانچىلىق پەيدا قىلىپ، دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق تەرەققىياتىنى قالايمىقانلاشتۇرغۇچى ۋە توسقۇنلۇق قىلغۇچى بولۇپ قالدى.

تەرجىمان: پاتىگۈل مەمەت

中央广播电视总台 央广网 版权所有

گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى «ئامېرىكىنىڭ كىشىلىك ھوقۇققا دەخلى تەرز يەتكۈزۈش 2022-يىللىق دوكلاتى»نى ئېلان قىلدى

گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى 3-ئاينىڭ 28-كۈنى «ئامېرىكىنىڭ كىشىلىك ھوقۇققا دەخلى تەرز يەتكۈزۈش 2022-يىللىق دوكلاتى»نى ئېلان قىلىپ، ئامېرىكىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىغا دەخلى تەرز يەتكۈزۈشتىكى ھەقىقىي ئەھۋالىنى پاش قىلدى.