ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ۋاڭ خۇنىڭ مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش مەخسۇس كومىتېتى مۇدىرلىرى يىغىنى ۋە ئۆگىنىش مۇھاكىمە كۇرسىغا قاتناشتى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2023-03-29 15:41

سىياسى مەسلىھەت كېڭىشى 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى مەخسۇس كومىتېت مۇدىرلىرى يىغىنى ۋە ئۆگىنىش مۇھاكىمە كۇرسى 3-ئاينىڭ 28-كۈنى بېيجىڭدا ئېچىلدى. جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋاڭ خۇنىڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە جۇڭگو كومپارتىيەسى 20-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، «ئىككىنى تىكلەش» نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ »نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، مەخسۇس كومىتېتلارنىڭ خىزمەت سەۋىيەسىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈپ، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ مەخسۇس كېڭىشىش ئاپپاراتىلىق رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇش كېرەك.

ۋاڭ خۇنىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، چۈشىنىش، ئۆزلەشتۈرۈش، پۇختىلاشنى خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ بىرىنچى سىياسىي ۋەزىپىسى قىلىپ، بۇ مۇھىم ئىدىيەدىكى دۇنيا قاراش، مېتودولوگىيە ۋە ئۇنىڭغا سىڭدۈرۈلگەن مەيدان، قاراش ۋە ئۇسۇلنى پىششىق ئىگىلەپ، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى خىزمىتىنىڭ پۈتكۈل جەريانى ۋە ھەرقايسى تەرەپلىرىدە ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش كېرەك. جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى تېز ئىلگىرى سۈرۈشنى چۆرىدەپ، كېڭىشىش، ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىش پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، كېڭىشىش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىپ، تىرىشىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا ماھىر بولۇپ، چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش داۋامىدا مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش كېرەك. ئىدىيىۋى ـ سىياسىي يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىش، ئورتاق تونۇشنى كەڭ دائىرىدە مۇجەسسەملەش خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشنىڭ ئورتاق ئىدىيىۋى-سىياسىي ئاساسىنى مۇستەھكەملەش كېرەك. پارتىيە رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، سىياسىي قۇرۇلۇشنى يېتەكچى قىلىپ، مەخسۇس كومىتېتلارنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش كېرەك.

تەرجىمان: پاتىگۈل مەمەت

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ۋاڭ خۇنىڭ مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش مەخسۇس كومىتېتى مۇدىرلىرى يىغىنى ۋە ئۆگىنىش مۇھاكىمە كۇرسىغا قاتناشتى

سىياسى مەسلىھەت كېڭىشى 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى مەخسۇس كومىتېت مۇدىرلىرى يىغىنى ۋە ئۆگىنىش مۇھاكىمە كۇرسى 3-ئاينىڭ 28-كۈنى بېيجىڭدا ئېچىلدى.