ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

خەن جېڭ جۇڭگو تەرەققىيات يۇقىرى قاتلام مۇنبىرىنىڭ 2023-يىللىق يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن جۇڭگوغا كەلگەن قىسمەن دۆلەت ھالقىغان شىركەتلەرنىڭ مەسئۇللىرى بىلەن كۆرۈشتى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2023-03-30 09:46

دۆلەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى خەن جېڭ 3-ئاينىڭ 27-، 29-كۈنلىرى بېيجىڭدا جۇڭگو تەرەققىيات يۇقىرى قاتلام مۇنبىرىنىڭ 2023-يىللىق يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن جۇڭگوغا كەلگەن خۇيفېڭ گۇرۇھىنىڭ مەمۇرىي لىدىرى چى ياۋنيەن، تەيگۇ گۇرۇھىنىڭ مەمۇرىي لىدىرى شى مىڭلۈن، ياپېي شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى لو فۇدې، ئەنليەن گۇرۇھى مۇدىرىيىتىنىڭ رەئىسى بېت، سىنېيدىر ئېلېكتىر شىركىتى مۇدىرىيىتىنىڭ رەئىسى جاۋ گوخۇا بىلەن كۆرۈشتى.

خەن جېڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: دۆلەت ھالقىغان شىركەتلەر كۆپ يىللاردىن بۇيان جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشتى، ئۇلار جۇڭگونىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئىشلىرىنىڭ گۇۋاھچىسى، قاتناشقۇچىسى بولۇپ غايەت زور تەرەققىياتقا ئېرىشتى. رەئىس شى جىنپىڭ كۆپ قېتىم مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو سىرتقا ئېچىۋېتىش ئاساسىي دۆلەت سىياسىتىدە چىڭ تۇرۇپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش، ئورتاق پايدا ئېلىش ئاساسىدىكى ئېچىۋېتىش ئىستراتېگىيەسىنى قەتئىي يولغا قويىدۇ. بۇ يىل جۇڭگودا ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغانلىقىنىڭ 45 يىللىقى، ئەمەلىيەت شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش جۇڭگونىڭ تەرەققىياتىنى زور دەرىجىدە ئىلگىرى سۈردى. خەلقئارا ۋەزىيەتتە قانداق ئۆزگىرىش بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، جۇڭگونىڭ ئېچىۋېتىلگەن دەرۋازىسى بارغانسېرى چوڭ ئېچىۋېتىلىدۇ. جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ 20-قۇرۇلتىيىدا جۇڭگونىڭ كەلگۈسى بىر مەزگىللىك تەرەققىياتى ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرۇلدى، جۇڭگو جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈشكە كۈچ چىقىرىدۇ. بۇ تارىخىي مۇساپىدە، يۇقىرى سەۋىيەدە سىرتقا ئېچىۋېتىشنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئالغا سىلجىتىپ، دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكى سىياسەتلەرنىڭ ئىزچىللىقى ۋە مۇقىملىقىنى ساقلاپ، دۇنيا كەسىپ ئىش تەقسىماتى ۋە ھەمكارلىقىغا چوڭقۇر قاتنىشىپ، بازارلاشقان، قانۇنچىللاشقان، خەلقئارالاشقان، ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان تىجارەت ـ سودا مۇھىتىنى كۈچەپ بەرپا قىلىپ، ھەرقايسى دۆلەت كارخانىلىرىنى تېخىمۇ كۆپ پۇرسەت بىلەن تەمىنلەيدۇ.

خەن جېڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات جۇڭگونىڭ سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇشتىكى ئەڭ مۇھىم ۋەزىپىسى، جۇڭگونىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى خەلقئارا ھەمكارلىقتىن، دۆلەت ھالقىغان شىركەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تۈرلۈك بازار سۇبيېكتلىرىنىڭ قاتنىشىشىدىن ئايرىلالمايدۇ. نۆۋەتتە خەلقئارا ۋەزىيەت مۇرەككەپ، ئۆزگىرىشچان، جۇڭگو ۋە چەتئەل كارخانىلىرىنىڭ ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشى ئىنتايىن مۇھىم. بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، جۇڭگو ئىقتىسادى مۇقىم ئاشتى، 1-ئايدىن 2-ئايغىچە ئەمەلىي پايدىلانغان چەتئەل مەبلىغى 40 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىپ، ئېشىش ۋەزىيىتى داۋاملىق ساقلاندى. جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئۇزاققىچە ياخشىلىنىشقا يۈزلىنىشتەك ئاساسىي تەرىپى ئۆزگەرمىدى، بىزنىڭ بۇ يىل ئىقتىسادنى %5 ئەتراپىدا ئاشۇرۇش كۆزلىمە نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تولۇق ئىشەنچىمىز بار. ھەرقايسى دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ جۇڭگوغا مەبلەغ سېلىش ھەمكارلىق ئىشەنچىسىنى چىڭىتىپ، جۇڭگو بازىرىدا يىلتىز تارتىپ، جۇڭگونىڭ يېڭى تەرەققىياتى ئېلىپ كەلگەن يېڭى پۇرسەتلەردىن ئورتاق بەھرىلىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

چى ياۋنيەن قاتارلىقلار مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگونىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئىشلىرى مول نەتىجىلەرگە ئېرىشتى، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى باشتىن-ئاخىر دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئەڭ مۇھىم مۇقىملاشتۇرغۇچىسى بولۇپ كەلدى. نۇرغۇن دۆلەت ھالقىغان شىركەتلەر جۇڭگونىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئىشلىرىدىن نەپ ئالدى ھەمدە مۇۋەپپەقىيەتلىك تەرەققىي قىلدى. جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇزاقتىن بۇيان تۈزۈلمە ـ مېخانىزم ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، سودا مۇھىتىنى ياخشىلاش ۋە چەت ئەل سودىگەرلىرىنىڭ مەبلەغ سېلىش ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداشقا ئەھمىيەت بەرگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتىمىز. جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش يوشۇرۇن كۈچى، يېڭىلىق يارىتىش ھاياتىي كۈچى ۋە مەبلەغ سېلىش پۇرسىتىگە ئۈمىدۋار قارايمىز، جۇڭگوغا مەبلەغ سېلىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، تەڭ پايدا ئېلىپ تەرەققىي قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرىمىز.

تەرجىمان: پاتىگۈل مەمەت

中央广播电视总台 央广网 版权所有

خەن جېڭ جۇڭگو تەرەققىيات يۇقىرى قاتلام مۇنبىرىنىڭ 2023-يىللىق يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن جۇڭگوغا كەلگەن قىسمەن دۆلەت ھالقىغان شىركەتلەرنىڭ مەسئۇللىرى بىلەن كۆرۈشتى

دۆلەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى خەن جېڭ 3-ئاينىڭ 27-، 29-كۈنلىرى بېيجىڭدا جۇڭگو تەرەققىيات يۇقىرى قاتلام مۇنبىرىنىڭ 2023-يىللىق يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن جۇڭگوغا كەلگەن خۇيفېڭ گۇرۇھىنىڭ مەمۇرىي لىدىرى چى ياۋنيەن، تەيگۇ گۇرۇھىنىڭ مەمۇرىي لىدىرى شى مىڭلۈن، ياپېي شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى لو فۇدې، ئەنليەن گۇرۇھى مۇدىرىيىتىنىڭ رەئىسى بېت، سىنېيدىر ئېلېكتىر شىركىتى مۇدىرىيىتىنىڭ رەئىسى جاۋ گوخۇا بىلەن كۆرۈشتى.