ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

لى چياڭ كوتېدىۋا زۇڭلىسى بىلەن كۆرۈشتى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2023-03-30 09:46

گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى چياڭ 3-ئاينىڭ 29-كۈنى خەينەننىڭ بوئاۋدا كوتېدىۋا زۇڭلىسى ئاچى بىلەن كۆرۈشتى. لى چياڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: رەئىس شى جىنپىڭ ۋە زۇڭتۇڭ ئوتتارانىڭ ئىستراتېگىيەلىك يېتەكچىلىكىدە، جۇڭگو-كوتېدىۋا مۇناسىۋىتى ئومۇميۈزلۈك تېز تەرەققىي قىلدى. بىز ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 40 يىللىقىنى يېڭى باشلىنىش نۇقتىسى قىلىپ، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنى ئۈزلۈكسىز يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈشنى خالايمىز.

لى چياڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگو كوتېدىۋانىڭ بىر جۇڭگو پىرىنسىپىغا قەتئىي ئەمەل قىلغانلىقىغا ئاپىرىن ئەيتىدۇ، كوتېدىۋا بىلەن تەرەققىيات يىرىك پىلانىنى جىپسىلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، يېزا ئىگىلىكى، ئاساسىي قۇرۇلۇش، رەقەملىك ئىقتىساد قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كوتېدىۋانىڭ ئاشلىقتا ئۆز ـ ئۆزىنى تەمىنلەشنى بالدۇرراق ئىشقا ئاشۇرۇپ، سانائەتلىشىش مۇساپىسىنى ئالغا سىلجىتىشىغا، تېخىمۇ كۆپ تەرەققىيات ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈشىگە ياردەم بېرىدۇ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ مۇقىملىقنى قوغدىشىنى قوللايدۇ.

ئاچى جۇڭگونىڭ يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇشتا زور غەلىبىنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىنى تەبرىكلىدى. ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: كوتېدىۋا بىر جۇڭگو پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىپ، «بىر بەلباغ بىر يول»نى تەڭ قۇرۇش ھەمكارلىقىغا پائال قاتنىشىدۇ، مەن جۇڭگو بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 40 يىللىقىنى پۇرسەت بىلىپ، مەبلەغ سېلىش، يېزا ئىگىلىكى، مائارىپ، تەربىيەلەش قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كوتېدىۋانىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى تېزلىتىشكە ياردەم بېرىشنى خالايمەن.

تەرجىمان: پاتىگۈل مەمەت

中央广播电视总台 央广网 版权所有