ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

دۆلەت ھالقىغان يۈزدىن ئارتۇق كارخانا سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ كىرگۈزۈش پائالىيىتىگە قاتناشتى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2023-03-30 15:31

جۇڭگونىڭ سىرتقا ئېچىۋېتىش دائىرىسىنى ئومۇميۈزلۈك كېڭەيتىش ئىرادىسى، چەت ئەل كارخانىلىرىنىڭ جۇڭگودا يىلتىز تارتىپ تەرەققىي قىلىشىغا كۈچلۈك ئىشەنچ ئاتا قىلدى. چەت ئەل كارخانىلىرى جۇڭگونىڭ تەرەققىيات پۇرسىتىنى پائال چىڭ تۇتتى، دۆلەت ھالقىغان يۈزدىن ئارتۇق كارخانا «جۇڭگوغا مەبلەغ سېلىش يىلى» دىكى سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ كىرگۈزۈش پائالىيىتىگە قاتناشتى.

گۇاڭدۇڭ ئېلىمىزنىڭ تاشقى سودا، چەت ئەل مەبلىغى چوڭ ئۆلكىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، بۇ يىللىق «جۇڭگوغا مەبلەغ سېلىش يىلى»دىكى سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ كىرگۈزۈش پائالىيىتىنىڭ تۇنجى بېكىتى. 3-ئاينىڭ 29-كۈنى دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن چەتئەل مەبلىغىدىكى نۇرغۇن تۈرلەردە ھەمكارلىق كېلىشىمى ھاسىل قىلىندى ھەمدە نەق مەيداندا كېلىشىم ئىمزالاندى. چۈشتىن كېيىن، دۆلەت ھالقىغان شىركەتلەرنىڭ يۇقىرى قاتلام ۋەكىللىرى توختىماي ئۈچ يولغا بۆلۈنۈپ خېڭچىن، چيەنخەي، نەنشاغا تەكشۈرۈشكە يۈرۈپ كەتتى. گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك سودا نازارىتىنىڭ نازىرى جاڭ جىنسۇڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇ قېتىم بىز 74 تۈردە كېلىشىم ئىمزالىدۇق، مەبلەغ ئومۇمىي سوممىسى 90 مىليارد يۈەندىن ئاشتى. بىز بىرمۇ بىر ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، كارخانىلارغا ھەرقانداق تەلىپىنىڭ قاندۇرۇلىدىغانلىقى، ھەرقانداق ئىشتىن ئەندىشە قىلىشنىڭ ھاجىتى يوقلۇقىنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇرۇپ، ياخشى سودا مۇھىتى ئارقىلىق سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ كىرگۈزۈشنىڭ يادرولۇق رىقابەت كۈچىنى يارىتىشىمىز كېرەك.

بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، دۆلەت ھالقىغان نۇرغۇن كارخانىلارنىڭ مەسئۇللىرى جۇڭگوغا زىيارەتكە كەلدى، ئۇلار جۇڭگونىڭ ھەر قايسى چوڭ ئىقتىساد ـ سودا مۇنبىرى، زاۋۇت باغچە رايونلىرىدا زىيارەتتە بولۇپ، ھەم جۇڭگو بازىرىغا بولغان ئىشەنچىسىنى نامايان قىلدى، ھەم ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق جۇڭگو بازىرىغا «ئىشەنچ بېلىتى» تاشلىدى. بۇ قېتىمقى «جۇڭگوغا مەبلەغ سېلىش يىلى» گۇاڭدۇڭ مەخسۇس تونۇشتۇرۇش يىغىنىدا، 100 دىن ئارتۇق دۆلەت ھالقىغان شىركەتنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچىلىرى، چەت ئەل سودىگەرلەر جەمئىيىتىنىڭ ۋەكىللىرى قاتنىشىشقا تىزىملاتتى. سودا مىنىستىرلىقىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى ئىككى ئېيىدا، مەملىكەت بويىچە ئەمەلىي ئىشلىتىلگەن چەت ئەل مەبلىغى 268 مىليارد 440 مىليون يۈەنگە يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %6.1 ئېشىپ، ئېشىش ۋەزىيىتى داۋاملىق ساقلانغان. بۇنىڭدىن ئىلگىرى، سودا مىنىستىرلىقى بۇ يىل تۇنجى قېتىم «جۇڭگوغا مەبلەغ سېلىش يىلى» يۈرۈشلۈك پائالىيىتى ئۆتكۈزۈپ، سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ كىرگۈزۈشنى دائىملاشتۇرۇش، سىستېمىلاشتۇرۇش ۋە كۆپ مەنبەلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرىدىغانلىقىنى ئاشكارىلىغان ئىدى.

تەرجىمان: پاتىگۈل مەمەت

中央广播电视总台 央广网 版权所有

دۆلەت ھالقىغان يۈزدىن ئارتۇق كارخانا سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ كىرگۈزۈش پائالىيىتىگە قاتناشتى

جۇڭگونىڭ سىرتقا ئېچىۋېتىش دائىرىسىنى ئومۇميۈزلۈك كېڭەيتىش ئىرادىسى، چەت ئەل كارخانىلىرىنىڭ جۇڭگودا يىلتىز تارتىپ تەرەققىي قىلىشىغا كۈچلۈك ئىشەنچ ئاتا قىلدى.