ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

لى چياڭ بوئاۋ ئاسىيا مۇنبىرىنىڭ 2023-يىللىق يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەمدە باش مەقسەتتە نۇتۇق سۆزلىدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:مېھرىگۈل|     يوللانغان ۋاقىت: 2023-03-31 11:15

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تور 31-مارت بېيجىڭ خەۋىرى:

گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى چياڭ 3-ئاينىڭ 30-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن بوئاۋدا بوئاۋ ئاسىيا مۇنبىرىنىڭ 2023- يىللىق يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەمدە باش مەقسەتتە نۇتۇق سۆزلىدى.

لى چياڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۈگۈنكى دۇنيادا مۇقىمسىزلىق، ئېنىقسىزلىق، ئالدىن مۆلچەرلەش تەس بولۇش نورمال ھالەتكە ئايلاندى. 10 يىل ئىلگىرى، رەئىس شى جىنپىڭ تۇنجى قېتىم ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى مۇھىم ئىدىيەسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، دەۋر ئېقىمى ۋە ئىنسانىيەت تەرەققىياتىغا يېتەكچىلىك قىلىدىغان بايراققا، دۇنيانىڭ ئۇزاققىچە تىنچ بولۇشى، ئورتاق گۈللىنىشىنىڭ ئېنىقلىق كۈچ مەنبەسىگە ئايلاندى.

لى چياڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى ئىدىيەسى بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، قول تۇتۇشۇپ ئاسىيا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىپ، دۇنيا تىنچلىقىنىڭ مۇقىملاشتۇرغۇچىسى، ئېشىش ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ مەنبەسى، ھەمكارلىق يېڭى ئېگىزلىكى بەرپا قىلىپ، دۇنيا تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىغا تېخىمۇ كۆپ ئېنىقلىق قوشۇش كېرەك. بىرىنچى، تىنچ، مۇقىم تەرەققىيات مۇھىتىنى ئورتاق قوغداپ، قالايمىقانچىلىق گىرەلىشىپ كەتكەن خەلقئارا ۋەزىيەتكە تېخىمۇ كۆپ ئېنىقلىق قوشۇش كېرەك. ئىككىنچى، تېخىمۇ ھاياتىي كۈچكە ئىگە ئېشىش مەركىزىنى ئورتاق بەرپا قىلىپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىگە تېخىمۇ كۆپ ئېنىقلىق قوشۇش كېرەك. ئۈچىنچى، ئىتتىپاقلىق، ھەمكارلىقنىڭ ئۈنۈملۈك يوللىرىنى ئورتاق كېڭەيتىپ، چوڭقۇر ئۆزگىرىۋاتقان دۇنياۋى ئىدارە قىلىشقا تېخىمۇ كۆپ ئېنىقلىق ئاتا قىلىش كېرەك. تۆتىنچى، ئادىمىيەت ئالاقىسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، پۇختىلاشقا ئورتاق تۈرتكە بولۇپ، ئوخشاش بولمىغان مەدەنىيلىكنىڭ يۇغۇرۇلۇپ بىللە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىغا تېخىمۇ كۆپ ئېنىقلىق قوشۇش كېرەك.

لى چياڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئېنىقسىز دۇنيادا، جۇڭگونىڭ ئېنىقلىقلىقى دۇنيا تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىنى قوغداشتىكى مۇستەھكەم تۈۋرۈك. جۇڭگونىڭ تەرەققىيات نىشانى ۋە ئىستىقبالى ئېنىق. ئۇزاققىچە مۇقىم بولغان، پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن تەرەققىي قىلغان جۇڭگو، پۇختا قەدەم بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان جۇڭگو، ئۆزىگە ئىشىنىدىغان، ئېچىۋېتىلگەن، ئورتاق بەھرىلىنىشنى خۇشاللىق دەپ بىلىدىغان جۇڭگو چوقۇم دۇنيانىڭ گۈللىنىشى، مۇقىملىقىدىكى غايەت زور كۈچ بولىدۇ. جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش قۇۋۋىتى ۋە ۋەزىيىتى كۈچلۈك. بىزنىڭ جۇڭگو ئىقتىسادىدىن ئىبارەت بۇ غايەت زور پاراخوتنىڭ دولقۇن يېرىپ داۋاملىق ئالغا ئىلگىرىلەپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ئىشەنچىمىز ۋە ئىقتىدارىمىز بار.

سىنگاپور زۇڭلىسى لى شيەنلۇڭ، ئىسپانىيەنىڭ باش ۋەزىرى سانچېز، مالايشىيا زۇڭلىسى ئەنۋەر، كوتىدىۋا زۇڭلىسى ئاچى، خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتىنىڭ لىدىرى گېئورگىيېۋا ۋە 50 نەچچە دۆلەت ھەمدە رايوندىن كەلگەن 1500 دىن ئارتۇق سىياسىي ساھە، سودا-سانائەت ساھەسى ۋە ئاقىللار ئامبىرى ئالىملىرى ۋەكىللىرى يىغىنغا قاتناشتى.

تەرجىمان: پاتىگۈل

中央广播电视总台 央广网 版权所有

لى چياڭ بوئاۋ ئاسىيا مۇنبىرىنىڭ 2023-يىللىق يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەمدە باش مەقسەتتە نۇتۇق سۆزلىدى

لى چياڭ بوئاۋ ئاسىيا مۇنبىرىنىڭ 2023-يىللىق يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەمدە باش مەقسەتتە نۇتۇق سۆزلىدى