يېزا ئىگىلىكى، يېزا مىنىستىرلىقى باش تېما تەربىيەسىنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، ئەمەلىي ئىشلەپ، ھەقىقىي تۇتۇپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار»نىڭ ئاساسىنى پۇختىلىدى
يېزا ئىگىلىك، يېزا مىنىستىرلىقى شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش باش تېما تەربىيەسىنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار»ئەمەلىيىتىنى چۆرىدەپ، ئېتىز-ئېرىقلارغا چوڭقۇر چۆكۈپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش نەتىجىلىرىنى تەدبىر-تەكلىپكە ئايلاندۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار»ئىشلىرى ئاساسىنى مۇستەھكەملىدى.
ئاشلىق بىخەتەرلىكى يېزا ئىگىلىكى، يېزا مىنىستىرلىقىنىڭ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى قانات يايدۇرۇشىدىكى ئاساسلىق يۆنىلىشنىڭ بىرى. ھازىر شىمالىي رايونلاردا كۈزگى بۇغداي مەھسۇلات مىقدارى مۇقىملىشىدىغان ھالقىلىق مەزگىل، كۆپ يوللۇق تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش گۇرۇپپىسى خېنەن، شەندۇڭ قاتارلىق ئاساسلىق ئىشلەپچىقىرىش رايونلىرىغا بېرىپ، يازلىق ئاشلىقنىڭ كېيىنكى مەزگىلىدىكى ئېتىز پەرۋىشى ۋە مۇۋاپىق مەزگىلدە ھوسۇل يىغىشنى مۇھىم مەزمۇن قىلىپ، دېھقانلارنىڭ تېخنىكىلىق سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى ۋە يېتەكچىلىك قىلدى.
باش تېما تەربىيەسى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، يېزا ئىگىلىكى-يېزا مىنىستىرلىقى پارتگۇرۇپپىسى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىنىڭ روھى ۋە مەركەزنىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» ئەمەلىيىتىنى چۆرىدەپ، 39 تۈرلۈك نۇقتىلىق ۋەزىپە تىزىملىكىنى تۈزۈپ چىقىپ، «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتى بىلەن بىرتۇتاش پىلانلاپ، بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىپ، نۇقتىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش نەتىجىلىرىنى دائىرىدىكى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش تەدبىر ـ تەكلىپلىرىگە ئايلاندۇرۇشقا تۈرتكە بولدى. يېزا ئىگىلىكى، يېزا مىنىستىرلىقى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مىنىستىر تاڭ رېنجيەن مۇنداق دېدى: بىز «ئەمەلىي» بولۇش يۆنىلىشىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا سىڭدۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار خىزمىتىدىكى نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى چۆرىدەپ، ئىستراتېگىيەلىك ئالدىن كۆرەرلىك ۋە تاقابىل تۇرۇش خاراكتېرلىك، ئەمەلىيلەشتۈرۈش خاراكتېرلىك دەپ ئىككى چوڭ تۈرگە ئايرىپ، بىر تۈركۈم تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش تېمىلىرىنى بېكىتىپ، ھەر بىر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش تېمىسىدا مەسىلە تىزىملىكى، ۋەزىپە تىزىملىكى، مەسئۇلىيەت تىزىملىكى ۋە نەتىجىلەرنى ئۆزلەشتۈرۈش تىزىملىكىنى تەپسىلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيەلىك كادىرلارنى چوڭقۇر چۆكۈپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، ئەڭ رېئال، تەخىرسىز مەسىلىلەرنى تىرىشىپ تېپىپ چىقىپ، ئەڭ ئەمەلىي، ئۈنۈملۈك تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇشقا تەشكىللىدۇق.
ھازىر مەركەز يېزا خىزمىتى ئىشخانىسى، يېزا ئىگىلىكى، يېزا مىنىستىرلىقى، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىدارىسى 350 ئادەم قېتىمدىن ئارتۇق ئۆمەك ئەۋەتىپ، 140 نەچچە تۈركۈمگە بۆلۈپ 30 ئۆلكىدىكى 300 دىن ئارتۇق ناھىيەگە بېرىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى.
تەرجىمان: پاتىگۈل مەمەت