جاۋ لېجى ماراكەشتە رەسمىي دوستانە زىيارەتتە بولدى
جاۋ لېجى ماراكەشتە رەسمىي دوستانە زىيارەتتە بولدى جۇڭگو مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى جاۋ لېجى ماراكەش ئاۋام پالاتاسىنىڭ باشلىقى ئالامىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، 5-ئاينىڭ 11-كۈنىدىن 14-كۈنىگىچە ماراكەشتە رەسمىي دوستانە زىيارەتتە بولدى، راباتتا باش ۋەزىر ئاخنۇچ بىلەن كۆرۈشتى، ئاۋام پالاتاسىنىڭ باشلىقى ئالامى، كېڭەش پالاتاسىنىڭ مۇۋەققەت باشلىقى خانىن بىلەن ئايرىم-ئايرىم سۆھبەتلەشتى.
جاۋ لېجى ئاخنۇچ بىلەن كۆرۈشكەندە مۇنداق دېدى: رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن پادىشاھ مۇھەممەد ئالتىنچىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك يېتەكچىلىكىدە، جۇڭگو-ماراكەش مۇناسىۋىتىدە ھالقىما تەرەققىيات ئىشقا ئاشۇرۇلدى. ئىككى تەرەپ ئىككى دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ مۇھىم ئورتاق تونۇشىنى يەنىمۇ ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جۇڭگو-ماراكەش ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەدە تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشى كېرەك. جۇڭگو ماراكەشنىڭ بىر جۇڭگو پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، تەيۋەن، شىنجاڭ، شىزاڭ، كىشىلىك ھوقۇق قاتارلىق مەسىلىلەردە جۇڭگونى قوللىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتىدۇ. جۇڭگو ماراكەش بىلەن «بىر بەلباغ بىر يول»نى تەڭ قۇرۇش رامكىسى ئىچىدىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو-ئەرەب ئەللىرى باشلىقلار يىغىنى ھەم جۇڭگو-ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرىنىڭ نەتىجىلىرىنى پائال ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋرگە يۈزلەنگەن جۇڭگو-ئەرەب ئەللىرى تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى يېتەكچى قىلىپ، جۇڭگو-ئەرەب ئەللىرى ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ تېخىمۇ گۈزەل كەلگۈسىنى يارىتىشنى خالايدۇ.
ئاخنۇچ مۇنداق دېدى: ماراكەش بىر جۇڭگو پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىدۇ، جۇڭگونىڭ دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغدىشىنى قەتئىي قوللايدۇ. جۇڭگو بىلەن ھەر قايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تېخىمۇ زور تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ.
جاۋ لېجى ئالامى، خانىن بىلەن ئايرىم-ئايرىم سۆھبەتلەشكەندە مۇنداق دېدى: بۇ يىل جۇڭگو- ماراكەش دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 65 يىللىقى، ئىككى تەرەپ بىر-بىرىنى قەتئىي قوللاپ، ئەمەلىي ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كۆپ تەرەپلىك ماسلىشىشنى كۈچەيتىشى كېرەك. رەئىس شى جىنپىڭ دۇنيا تەرەققىيات تەشەببۇسى، دۇنيا خەۋپسىزلىك تەشەببۇسى، دۇنيا مەدەنىيلىك تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، تەرەققىيات ۋە خەۋپسىزلىكتىكى قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش، ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكىنىڭ ئالغا بېسىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى جۇڭگو لايىھەسى بىلەن تەمىنلىدى. جۇڭگو ماراكەشنىڭ دۇنيا تەرەققىيات تەشەببۇسىنى قوللىغانلىقى ھەم «دۇنيا تەرەققىيات تەشەببۇسى دوستلار گۇرۇپپىسى»غا قاتناشقانلىقىنى ئالقىشلايدۇ، ماراكەشنىڭ دۇنيا خەۋپسىزلىك تەشەببۇسى ۋە دۇنيا مەدەنىيلىك تەشەببۇسىغا پائال قاتنىشىشىنى قارشى ئالىدۇ. جۇڭگو مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ماراكەشنىڭ كېڭەش ۋە ئاۋام پالاتالىرى بىلەن بىرلىكتە، قانۇن چىقىرىش ئاپپاراتلىرىنىڭ ئالاقىسىنى كۈچەيتىپ، ئەمەلىي ھەمكارلىق ئۈچۈن قانۇنچىللىق ياخشى مۇھىتى يارىتىشنى خالايدۇ.
ئالامى ئۇ مۇنداق دېدى: ماراكەش بىلەن جۇڭگو بىر-بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئەتى ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان زور مەسىلىلەردە بىر-بىرىنى قوللايدۇ. جۇڭگونىڭ ماراكەشنىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشىغا ياردەم بەرگەنلىكىگە رەھمەت. قانۇن چىقىرىش ئورگانلىرىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئىقتىساد، مەدەنىيەت ئالاقىسىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ. خانىن مۇنداق دېدى: ماراكەش رەئىس شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان مۇھىم تەشەببۇسلارنى پائال قوللايدۇ، ئورتاق تىرىشىپ، ماراكەش-جۇڭگو مۇناسىۋىتىنى دۆلەتلەر ئارا دوستانە ئالاقىنىڭ ئۈلگىسىگە ئايلاندۇرۇشنى خالايدۇ.
جاۋ لېجى ماراكەش تەرەپكە جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم سىياسىي تەرەققىيات يولى قاتارلىق ئەھۋاللارنى تونۇشتۇردى. ماراكەش تەرەپ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگونىڭ تارىخى ۋە تەرەققىيات يولىغا ھۆرمەت قىلىمىز، ھەرقايسى دۆلەتلەر بىر بىرىنىڭ سىياسىي تۈزۈمى ۋە تەرەققىيات ئەندىزىسىگە ئۆزئارا ھۆرمەت قىلغاندىلا، دۇنيادا ئاندىن تىنچلىق، مۇقىملىق ۋە تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ.
جاۋ لېجى ماراكەشتە زىيارەتتە بولغان مەزگىلىدە، باش ۋەزىر ئاخنۇچ، پادىشاھ مۇھەممەد ئالتىنچىنىڭ نامىدا ئۆتكۈزۈلگەن كەچلىك زىياپەتكە قاتناشتى. جاۋ لېجى يەنە مۇھەممەد بەشىنچى داشۆسى كۇڭزى شۆيەنىنى كۆزدىن كەچۈردى، ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق تىرىشىپ، تېخىمۇ كۆپ جۇڭگو ـ ماراكەش، جۇڭگو ـ ئەرەب ئەللىرى، جۇڭگو-ئافرىقا دوستلۇق ئالاقىسىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئەلچىلىرىنى تەربىيەلەپ چىقىشىنى ئۈمىد قىلدى؛ جۇڭشىن دەيكا شىمالىي ئافرىقا زاۋۇتىنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، ئافرىقىغا قارىتىلغان ھەقىقىي، سەمىمىي سىياسەت ئىدىيەسى ۋە توغرا ھەققانىيەت-مەنپەئەت قارىشىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، جۇڭگو-ئافرىقا ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشنى تەكىتلىدى.
تەرجىمان: پاتىگۈل مەمەت