ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

جۇڭگونىڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلىك ئورنى مۇستەھكەم خەلقئارا قانۇن ئاساسىغا ئىگە

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2023-05-17 08:43

يېقىندا، ئامېرىكا پارلامېنتى ئاۋام پالاتاسى ئاتالمىش «جۇڭگو تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەت ئەمەس دېگەن قانۇن لايىھە»نى ماقۇللاپ، جۇڭگونىڭ خەلقئارا تەشكىلات ۋە خەلقئارا شەرتنامىدىكى ئورنىنى تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەت دەپ بېكىتىشكە قارشى تۇردى. ئامېرىكىنىڭ بۇ ھەرىكىتى خەلقئارا قانۇنغا ئېغىر خىلاپ، خەلقئارا ئورتاق تونۇش ۋە ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ئەمەس. تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئورنى ۋە ئالاھىدە تەمىناتى خەلقئارا قانۇندا بېكىتىلگەن بولۇپ، خەلقئارا ئادىللىق ۋە ھەققانىيلىقنى نامايان قىلىدۇ. جۇڭگونىڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلىك ئورنى تۈرلۈك خەلقئارا شەرتنامىلەردە ئېتىراپ قىلىنغان ھەمدە خەلقئارا جەمئىيەتتىكى كەڭ ئەزالار تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنغان. جۇڭگو تەرەققىي قىلىپ قايسى دەرىجىگە يەتسۇن، مەڭگۈ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر چوڭ ئائىلىسىنىڭ بىر ئەزاسى، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر بىلەن مەڭگۈ بىر سەپتە تۇرىدۇ.

بىرىنچى: تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئورنى بىر قاتار خەلقئارا قانۇنلاردا بېكىتىلگەن دۆلەتنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن ئورنى. ئىقتىساد-سودا ساھەسىدە، دۇنيا بانكىسى كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئوتتۇرىچە خەلق ئومۇمىي كىرىمى 13205 ئامېرىكا دوللىرىدىن ئاشقان ئىقتىسادىي گەۋدىنى يۇقىرى كىرىملىك ئىقتىسادىي گەۋدە، يەنى تەرەققىي تاپقان دۆلەت قىلىپ بېكىتكەن؛ بۇ ئۆلچەمدىن تۆۋەن بولغانلار ئوتتۇرا ھالدىن يۇقىرى كىرىم، ئوتتۇرا ھالدىن تۆۋەن كىرىم ۋە تۆۋەن كىرىمدىن ئىبارەت ئۈچ تۈرگە ئايرىلىدىغان بولۇپ، ھەممىسى تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر (بۇ جۇڭگونىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ ). دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ ئەزالىرى «تەرەققىي تاپقان دۆلەت» ياكى «تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەت» ئىكەنلىكىنى ئۆز ئالدىغا تەشەببۇس قىلسا بولىدۇ. «ب د ت كىلىمات ئۆزگىرىشى رامكا ئەھدىنامىسى»نى تۈزگۈچى تەرەپلەر تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەر، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر قاتارلىقلارغا ئايرىلغان، «ئوزۇن قەۋىتىنى خورىتىدىغان ماددىلار توغرىسىدىكى مونترېئال كېلىشىمنامىسى»نى تۈزگۈچى تەرەپلەرنىڭ بىرىنچى يىغىنىدا جۇڭگونى ئۆز ئىچىگە ئالغان تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ تىزىملىكى تېخىمۇ ئېنىق كۆرسىتىلگەن. جۇڭگونىڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلىك ئورنى قانۇن بويىچە بېكىتىلگەن، ئۇنىڭدىن مەھرۇم قىلىشقا بولمايدۇ.

ئىككىنچىدىن، خەلقئارا جەمئىيەت تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىساد-سودا، مۇھىت قاتارلىق ساھەلەردە مەخسۇس خەلقئارا قانۇن-قائىدىلەرنى تەتبىقلىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئېتىراپ قىلىدۇ. ئىقتىساد-سودا قانۇنى ساھەسىدە، «1947-يىلىدىكى تاموژنا بېجى ۋە سودا باش كېلىشىمى»دە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرگە ئالاھىدە تەمىنات بېرىلگەن. 2018-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، دۇنيا سودا تەشكىلاتى كېلىشىمىدىكى 155 ماددىدا تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئالاھىدە تەمىناتى ئايدىڭلاشتۇرۇلغان. كىلىمات، مۇھىت قانۇنى ساھەسىدە، 1972-يىلىدىكى «ئىنسانىيەت مۇھىت خىتابنامىسى»دا تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالى ۋە ئالاھىدىلىكىگە ئېتىبار بېرىش تەكىتلەنگەن؛ 1987ـ يىلىدىكى «مونترېئال كېلىشىمنامىسى»دە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئالاھىدە شارائىتتا ئالاقىدار باشقۇرۇش، كونترول قىلىش تەدبىرلىرىنى ۋاقتىنچە كېچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىشىغا رۇخسەت قىلىنغان؛ 1992-يىلىدىكى «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىلىمات ئۆزگىرىشى رامكا ئەھدىنامىسى»دە ئورتاق ئەمما پەرقلىق مەسئۇلىيەت پىرىنسىپى بېكىتىلىپ، تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەر تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنى مەبلەغ بىلەن تەمىنلىشى ۋە تېخنىكا ئۆتۈنۈپ بېرىشنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك دەپ بەلگىلەنگەن؛ 1997-يىلىدىكى «كيوتو كېلىشىمنامىسى»دە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەرنىڭ مەجبۇرىي مىقدارلاشتۇرۇپ بۇلغىما ئازايتىش مەجبۇرىيىتىنى قوللانمايدىغانلىقى بېكىتىلگەن؛ 2015-يىلىدىكى «پارىژ كېلىشىمنامىسى»دە بەلگىلەنگەن تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ بۇلغىما قويۇپ بېرىشنى ئازايتىش مەجبۇرىيىتى تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەرنىڭكىدىن تېخىمۇ كەڭ.

ئۈچىنچىدىن، جۇڭگونىڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلىك ئورنى چوڭقۇر تارىخىي ئەنئەنىگە ۋە سىياسىي مەزمۇنغا، پۇختا خەلقئارا قانۇن ئاساسىغا ئىگە، ئامېرىكىنىڭ دېگىنى ھېساب ئەمەس. 1964-يىلى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 1-نۆۋەتلىك سودا-تەرەققىيات يىغىنىدا 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن مىللىي ئازادلىقنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، مۇستەقىل تەرەققىيات يولىدا ماڭغان ئاسىيا، ئافرىقا، لاتىن ئامېرىكىسى دۆلەتلىرى «تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەت» قىلىپ بېكىتىلگەن. يولداش ماۋ زېدۇڭ 1974- يىلى «ئۈچ دۇنيا»غا ئايرىش نەزەرىيەسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، جۇڭگونىڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتكە تەۋە بولۇشتەك روشەن مەيدانى ۋە تەشەببۇسىنى ئېنىق ئىپادىلىدى. جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو مەڭگۈ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر چوڭ ئائىلىسىنىڭ بىر ئەزاسى، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ خەلقئارا ئىدارە قىلىش سىستېمىسىدىكى ۋەكىللىك خاراكتېرى ۋە سۆز قىلىش ھوقۇقىنى ئۆستۈرۈشكە قەتئىي تەۋرەنمەي كۈچ چىقىرىدۇ. پارتىيە 20- قۇرۇلتىيىنىڭ دوكلاتىدا، دۆلىتىمىز تەرەققىي قىلىۋاتقان چوڭ دۆلەت، يەنىلا سوتسىيالىزمنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدا تۇرۇۋاتىدۇ، دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى. خەلقئارا قانۇن قاتلىمىدا، جۇڭگونىڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلىك ئورنى مېخانىزم، «ب د ت كىلىمات ئۆزگىرىشى رامكا ئەھدىنامىسى» قاتارلىق خەلقئارا شەرتنامىلەر تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنغان، تېخىمۇ مۇھىمى خەلقئارا جەمئىيەتتىكى كەڭ ئەزالار ئومۇميۈزلۈك ئېتىراپ قىلغان ئورتاق تونۇش، ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ئامېرىكا پارلامېنتى ئاتالمىش «جۇڭگو تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەت ئەمەس دېگەن قانۇن لايىھە»نى ئويدۇرۇپ چىقىرىپ، ئۆزىنىڭ دۆلەت ئىچى قانۇنىنى خەلقئارا قانۇندىن ئۈستۈن قويدى، بۇ خەلقئارا قانۇنغا خىرىس قىلغانلىق ۋە بۇزغۇنچىلىق قىلغانلىق.

تۆتىنچىدىن، جۇڭگو تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق مەنپەئەتىنى باشتىن - ئاخىر قەتئىي قوغدايدۇ. ئاسىيا، ئافرىقا، لاتىن ئامېرىكىسى دۆلەتلىرىنىڭ جاھانگىرلىككە، مۇستەملىكىچىلىككە قارشى كۈرىشىنى قوللاشتىن، تانزانىيە ـ زامبىيە تۆمۈر يولىنى ياساشقا ياردەم بېرىشكىچە، يېڭى جۇڭگونىڭ ب د ت دىكى قانۇنلۇق ئورنىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىگىچە، جۇڭگو باشقا تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر بىلەن باشتىن ـ ئاخىر مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ كۈرەش قىلىپ، ئېغىر كۈنلەردە بىللە بولدى. تىنچ بىللە تۇرۇشنىڭ بەش پىرىنسىپى، باندۇڭ يىغىنىنىڭ ئون تۈرلۈك پىرىنسىپىدىن تارتىپ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان جۇڭگو ئىلگىرى-كېيىن ئوتتۇرىغا قويغان «بىر بەلباغ، بىر يول»نى تەڭ قۇرۇش تەشەببۇسى، دۇنيا تەرەققىيات تەشەببۇسى، دۇنيا خەۋپسىزلىك تەشەببۇسى، دۇنيا مەدەنىيلىك تەشەببۇسى قاتارلىق ئاممىۋى مەھسۇلاتلارغىچە، ئەڭ چوڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن، باشتىن-ئاخىر كەڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئىتتىپاقلىق، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىنى قوغداشقا كۈچ چىقاردى. ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى ئىلگىرى سۈردى.

جۇڭگو تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر چوڭ ئائىلىسىنىڭ مۇھىم بىر ئەزاسى بولۇپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ كەڭ ئېتىراپ قىلىشى ۋە ھۆرمىتىگە ئېرىشتى. ئامېرىكىنىڭ جۇڭگونىڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلىك ئورنىنى ئىنكار قىلىشقا ئۇرۇنۇشى ماھىيەتتە جۇڭگونى ئۆزىنىڭ ئىقتىدار دائىرىسىدىن ھالقىغان مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشقا مەجبۇرلاپ، جۇڭگونىڭ تەرەققىياتىنى توسۇشقا، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ كۈچىنى پارچىلاشقا ۋە ئاجىزلاشتۇرۇشقا ئۇرۇنۇشتۇر. ئامېرىكىنىڭ رەزىل سۇيىقەستى ھەم خەلقئارا قانۇنغا خىلاپ، ھەم خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ قوللىشىغا ئېرىشەلمەيدۇ، چوقۇم ئەمەلگە ئاشمايدۇ.

تەرجىمان: پاتىگۈل مەمەت

中央广播电视总台 央广网 版权所有

جۇڭگونىڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلىك ئورنى مۇستەھكەم خەلقئارا قانۇن ئاساسىغا ئىگە

يېقىندا، ئامېرىكا پارلامېنتى ئاۋام پالاتاسى ئاتالمىش «جۇڭگو تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەت ئەمەس دېگەن قانۇن لايىھە»نى ماقۇللاپ،