مەركەز باشقۇرۇشىدىكى تۆت كادىرنىڭ جاۋابكارلىقى سۈرۈشتۈرۈلدى
جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەستىقلىشى ئارقىلىق، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، دۆلەتلىك رېۋىزىيە كومىتېتى يېقىندا 20-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، چۇڭچىڭ شەھەرلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، شەھەر باشلىقى خۇ خېڭخۇا، خۇنەن ئۆلكىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، سابىق مۇئاۋىن مۇدىرى چېن ۋېنخاۋ، خۇنەن ئۆلكىلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، چاڭشا شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى ۋۇ گۈييىڭ، گۈيجۇ ئۆلكىلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گۈيياڭ شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى خۇ جۇڭشيوڭنىڭ خۇنەن ئۆلكىسى چاڭشا شەھىرىدە يۈز بەرگەن «29-ئاپرېل» ئاھالىلەر ئۆزلىرى سالغان ئۆي ئۆرۈلۈپ چۈشۈش پەۋقۇلئاددە ئېغىر ۋەقەسىدىكى ۋەزىپىسى، مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلماسلىق مەسىلىسىنى دېلو تۇرغۇزۇپ تەكشۈردى.
تەكشۈرۈشكە قارىغاندا، بۇ ۋەقەنىڭ يۈز بېرىشى-مەسىلىنىڭ ئۇزۇن مۇددەت كېڭىيىپ جۇغلىنىشىنىڭ نەتىجىسى ئىكەن، خۇنەن ئۆلكىسى، چاڭشا شەھىرى، ۋاڭچېڭ رايونلۇق پارتكوم ۋە ھۆكۈمەت قاتارلىق ئالاقىدار ئورۇن، تارماق ۋە خادىملارنىڭ ۋەقەنىڭ يۈز بېرىشىدە جاۋابكارلىقى بار ئىكەن.
خۇ خېڭخۇا، چېن ۋېنخاۋ، ۋۇ گۈييىڭ، خۇ جۇڭشيۇڭ قاتارلىق تۆت يولداشنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش داۋامىدىكى رەھبەرلىكى كۈچلۈك بولماي، پەۋقۇلئاددە ئېغىر ئىشلەپچىقىرىش بىخەتەرلىكى مەسئۇلىيەت ۋەقەسى كېلىپ چىقىپ، يامان تەسىر پەيدا قىلغان، شۇڭا جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش كېرەك. «جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈش نىزامى»، «جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ ئىنتىزام جازاسى نىزامى»، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رېۋىزىيە قانۇنى»، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھۆكۈمەت خادىملىرىغا مەمۇرىي جازا بېرىش قانۇنى» قاتارلىق ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى يىغىنىنىڭ مۇزاكىرە قىلىشى ھەم جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەستىقلىشى ئارقىلىق، يولداش خۇ خېڭخۇا، يولداش چېن ۋېنخاۋ، يولداش ۋۇ گۈييىڭغا پارتىيە ئىچىدە ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىش قارار قىلىندى، دۆلەتلىك رېۋىزىيە كومىتېتى يولداش خۇ جۇڭشيۇڭغا مەمۇرىي ئىشلار بويىچە گۇناھ يېزىش جازاسى بەردى.
خۇنەن ئۆلكىسىدىكى ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋېزىيە ئورگانلىرى كادىرلارنى باشقۇرۇش ھوقۇق دائىرىسىگە ئاساسەن، بەلگىلىمە، ئىنتىزام، قانۇن بويىچە، ۋەقەدە ئىنتىزامغا، قانۇنغا خىلاپلىق قىلغان 62 ھۆكۈمەت خادىمىنىڭ جاۋابكارلىقىنى قاتتىق سۈرۈشتۈردى. بۇ قېتىمقى ۋەقەدە جاۋابكارلىقى بار 20 ئورۇننى يازما تەكشۈرۈش ۋە ھەقىقىي تۈزىتىشكە بۇيرۇدى.
ۋەقەگە چېتىشلىق ئۆي ئىگىسى ۋۇ جىيۇڭ، خۇنەن شياڭدا قۇرۇلۇش تەكشۈرۈش چەكلىك شىركىتىنىڭ قانۇنىي ۋەكىلى ياڭ شۇاڭفۇ، جىنشەنچياۋ كوچا باشقارمىسى جىنپىڭ مەھەللىسى پەنشۇۋەن گۇرۇپپىسىنىڭ ئاھالىسى لۇڭ لىچىن قاتارلىق 14 كىشى زور مەسئۇلىيەت ۋەقەسى جىنايىتى، ساختا ئىسپات ھۆججىتى بىلەن تەمىنلەش جىنايىتى، ئۆكتەملىك قىلىپ چاتاق چىقىرىش جىنايىتىگە چېتىشلىق بولغانلىقى ئۈچۈن، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى تەرىپىدىن دېلو تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈلدى، تەپتىش ئورگانلىرى تەرىپىدىن ئەيىبلەندى.
تەرجىمان: ئابدۇللا موللا