«ئاساسىي كۈتۈنۈش مۇلازىمەت سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى پىكىر» ئېلان قىلىندى
جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگوڭتىڭى يېقىندا «ئاساسىي كۈتىنىش مۇلازىمەت سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى پىكىر»نى ئېلان قىلدى.
«پىكىر»دە مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: ئاساسىي كۈتۈنۈش مۇلازىمىتى ياشانغانلار كۈتۈنەلەيدىغان بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا مۇھىم ئۇللۇق رول ئوينايدۇ، ئاساسىي كۈتۈنۈش مۇلازىمىتى سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش نوپۇسنىڭ قېرىلىشىشىغا پائال تاقابىل تۇرۇش دۆلەت ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇپ، ئاساسىي ئاممىۋى مۇلازىمەتنىڭ تەڭپۇڭلۇقىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى مۇھىم ۋەزىپە.
«پىكىر»دە مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، بارلىق ياشانغانلارنى قاپلىغان، ھوقۇق-مەسئۇلىيىتى ئېنىق، كاپالىتى مۇۋاپىق، ئىمكانىيەتلىك سىجىل ئاساسىي كۈتۈنۈش مۇلازىمەت سىستېمىسىنى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، ياشانغانلارنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش كېرەك.
«پىكىر»دە مۇنۇلار ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: ئاساسىي كۈتۈنۈش مۇلازىمىتى دۆلەت بىۋاسىتە تەمىنلەيدىغان ياكى بەلگىلىك ئۇسۇل ئارقىلىق ئالاقىدار سۇبيېكتلارنىڭ ياشانغانلارنى مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلىشىنى قوللايدىغان، ياشانغاندا كۈتۈنەلەيدىغان بولۇش، ياشانغاندا يۆلەنچۈكى بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى مەقسەت قىلغان ئۇللۇق، ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق، تولۇق كاپالەتلەندۈرۈش خاراكتېرلىك مۇلازىمەت بولۇپ، ماددىي ياردەم، ھالىدىن خەۋەر ئېلىش مۇلازىمىتى، غەمخورلۇق مۇلازىمىتى قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئاساسىي كۈتۈنۈش مۇلازىمىتىنىڭ ئوبيېكتى، مەزمۇنى، ئۆلچىمى قاتارلىقلارنى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئەھۋالىغا ئاساسەن جانلىق تەڭشەپ، «14-بەش يىل» مەزگىلىدە دىققەتنى ياشانغانلار ئائىلە ۋە شەخس ئۈستىگە ئېلىش تەس بولغان ئىقتىدارىدىن قېلىش، مېيىپ بولۇپ قېلىش، ھالىدىن خەۋەر ئالىدىغان ئادەم بولماسلىق قاتارلىق قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلگەن چاغدىكى ئاساسىي كۈتۈنۈش مۇلازىمىتى ئېھتىياجىغا مەركەزلەشتۈرۈش كېرەك.
تەرجىمان: ئامانگۈل ھەبىبۇللا