جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ زامانىۋى مەدەنىيلىكىنى تىرىشىپ بەرپا قىلايلى
جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تور 4-ئىيۇن بېيجىڭ خەۋىرى:
ئىستانسىمىز «جۇڭخۇا مىللىتى زامانىۋى مەدەنىيلىكىنى تىرىشىپ بەرپا قىلايلى» ماۋزلۇق ئوبزور ئېلان قىلدى.
ئوبزوردا مۇنداق دېيىلدى: باش شۇجى شى جىنپىڭ 6-ئاينىڭ 2-كۈنى بېيجىڭدا مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇھىم سۆزىدە، جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنىڭ گەۋدىلىك ئالاھىدىلىكىنى ئومۇميۈزلۈك يەكۈنلەپ ۋە شەرھلەپ، ماركسىزمنىڭ ئاساسىي قائىدىسىىنى جۇڭخۇانىڭ مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈشنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىگە چوڭقۇر جاۋاب بېرىپ، جۇڭخۇا مىللىتى زامانىۋى مەدەنىيلىكىنى بەرپا قىلىشتىن ئىبارەت بۇ زور تېمىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، يېڭى تارىخىي باشلانمىدا جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك مەدەنىيەتنىڭ يېڭى شانلىق سەھىپىسىنى يارىتىشىمىز ئۈچۈن يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى.
翻译:阿布都拉