ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئېلېكتىر تورىنىڭ بىخەتەرلىك جان تومۇرى چىڭ ساقلانماقتا

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:مېھرىگۈل|     يوللانغان ۋاقىت: 2023-06-04 13:00

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تور 4-ئىيۇن بېيجىڭ خەۋىرى:

شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش باش تېما تەربىيەسى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، دۆلەتلىك ئېلېكتىر تورى ئۆگىنىش ئارقىلىق ئەقىل-پاراسەتنى ئاشۇرۇش، ئۆگىنىش ئارقىلىق ئىشلەشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ئېلېكتىر ساھەسىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىدا گەۋدىلىك ساقلانغان مەسىلىلەرنى ھەقىقىي ھەل قىلدى.

باش تېما تەربىيەسى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، دۆلەتلىك ئېلېكتىر تورى شىركىتى پارتگۇرۇپپىسى ئۈچ قېتىمغا بۆلۈپ يەتتە كۈنلۈك مەخسۇس كىتاب ئوقۇش كۇرسى ئېچىپ، 11 مەخسۇس تېمىغا ئايرىپ مەركەزلىك ئۆگىنىش قىلدى. يېڭى ئېنېرگىيە ئىستېمالىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئېلېكتىر تورى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىش قاتارلىق 12 چوڭ تۈردىكى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش تېمىسىنى سىستېمىلىق رەتلەپ، 20 مەخسۇس خىزمەت گۇرۇپپىسى تەشكىللەپ، سۆھبەتلىشىش، زىيارەت قىلىش، ئىختىيارىي زىيارەت قىلىش، ئارىلاپ تەكشۈرۈش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق، سېخ، ئىسمېنا-گۇرۇپپا، توك بىلەن تەمىنلەش ئورنى، تىجارەت زالى، ئىشلەپچىقىرىش ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى نەق مەيدانىنىڭ بىرىنچى سېپىگە چوڭقۇر چۆكۈپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى.

نۆۋەتتە، ئېلىمىزنىڭ شامال ئېلېكتىر، يورۇقلۇق ۋولت قاتارلىق يېڭى ئېنېرگىيەلىرى يىلىغا %20 لىك سۈرئەت بىلەن تېز ئېشىۋاتىدۇ. يېڭى ئېنېرگىيە ئىستېمالى نىسبىتىنى قانداق قىلىپ داۋاملىق ئۆستۈرۈش-ئېنېرگىيە قۇرۇلمىسىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىشتە ھەل قىلىشقا تېگىشلىك قىيىن مەسىلە بولۇپ قالدى. دۆلەتلىك ئېلېكتىر تورى باش تېما تەربىيەسىنىڭ ئومۇمىي تەلىپىگە بىرلەشتۈرۈپ، تەپەككۇر ئەندىزىسىدە بۇرۇلۇش ياساپ، خەلقتىن پىكىر ئېلىپ، ئەمەلىيەتتىن تەجرىبە توپلاپ، يېڭى ئېنېرگىيەنى تورلاشتۇرۇشنى تېزلىتىش، كارخانىلارنىڭ يېشىل توك ئىشلىتىش نىسبىتىنى ئۆستۈرۈش قاتارلىق ئون نەچچە تۈرلۈك ھەل قىلىش چارىسىنى رەتلەپ چىقتى ھەم تىزىملىك شەكىللەندۈرۈپ، بىرمۇ-بىر ئەمەلىيلەشتۈرۈپ ھەل قىلدى.

بۇ يىل يازدا، ئېلىمىزنىڭ ئېلېكتىر تەمىناتىدا يەنىلا «پۈتۈن تور تەڭپۇڭ بولۇش، قىسمەن كەمچىل بولۇش» ئەھۋالى پەيدا بولىدۇ. دۆلەتلىك ئېلېكتىر تورى باش تېما تەربىيەسىگە بىرلەشتۈرۈپ، توك ئىشلىتىش ۋەزىيىتى نىسبەتەن جىددىي بولغان قىسمەن رايونلارغا چوڭقۇر چۆكۈپ، نۇقتىلىق سانائەت كارخانىلىرى ۋە ئېنېرگىيە ئىشلىتىدىغان ئورۇنلارنى زىيارەت قىلىپ، كارخانىلارنى توكنى تېجەپ ئىشلىتىشكە يېتەكلەپ، كارخانىلارنىڭ نورمال ئىشلەپچىقىرىشىغا ئەڭ زور دەرىجىدە كاپالەتلىك قىلىش ئالدىنقى شەرتى ئاستىدا، پۇقرالارنىڭ توك ئىشلىتىش ئېھتىياجىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

كېيىنكى قەدەمدە، دۆلەتلىك ئېلېكتىر تورى باش تېما تەربىيەسىنىڭ ئومۇمىي تەلىپى ۋە تۈپ ۋەزىپىسىنى پۇختا ئىگىلەپ، «ئەمەلىي ئەھۋالنى تەكشۈرۈش، ئەمەلىي تەدبىر قوللىنىش؛ قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش؛ ئەمەلىي ئىش قىلىش، خەلقنى غەمدىن خالاس قىلىش»تىن ئىبارەت ئۈچ مەخسۇس ھەرىكەتنى قانات يايدۇرۇپ، ئېلېكتىر تەمىناتىغا كاپالەتلىك قىلىش قاتارلىق قىزىق ۋە قىيىن نۇقتىلىق مەسىلىلەرنى پۈتۈن كۈچى بىلەن ياخشى ھەل قىلىپ، يېڭىچە ئېلېكتىر سىستېمىسىنى تېزدىن ئورنىتىپ، يېڭىچە ئېنېرگىيە سىستېمىسى بەرپا قىلىدۇ.


翻译:阿布都拉

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ئېلېكتىر تورىنىڭ بىخەتەرلىك جان تومۇرى چىڭ ساقلانماقتا

شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش باش تېما تەربىيەسى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، دۆلەتلىك ئېلېكتىر تورى ئۆگىنىش