ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

لى شاڭفۇ 20-نۆۋەتلىك شانگرىلا سۆزلىشىش يىغىنىدا «جۇڭگونىڭ يېڭى خەۋپسىزلىك تەشەببۇسى»قارالمىسى توغرىسىدا سۆز قىلدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2023-06-06 09:23

دۆلەت كومىسسارى قوشۇمچە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى لى شاڭفۇ 6-ئاينىڭ 4-كۈنى، 20-نۆۋەتلىك شانگرىلا سۆزلىشىش يىغىنىدا «جۇڭگونىڭ يېڭى خەۋپسىزلىك تەشەببۇسى»قارالمىسى توغرىسىدا سۆز قىلدى.

لى شاڭفۇ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: رەئىس شى جىنپىڭ دۇنيا خەۋپسىزلىكى تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئورتاق، ئۇنىۋېرسال، ھەمكارلىق، ئىمكانىيەتلىك سىجىل خەۋپسىزلىك قارىشىنى تەشەببۇس قىلىپ، خەلقئارا خەۋپسىزلىك خىرىسىغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن جۇڭگونىڭ ئەقىل پاراسىتىنى قوشتى. جۇڭگو جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش يولىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تېپىپ چىقىپ، ئورتاق تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشكە كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قوشۇپ، دۇنيا تىنچلىقىنى قوغداشقا مۇھىم تۆھپە قوشتى، دۇنياۋى ئىدارە قىلىشنى مۇكەممەللەشتۈرۈشتە ئىجابىي رول ئوينىدى. جۇڭگو ھەر قايسى تەرەپلەر بىلەن ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونى تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى كۈچەيتىپ، رايون خەۋپسىزلىكى ھەمكارلىقىنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئېچىۋېتىلگەن، سىغدۇرۇشچان، ئاشكارا، باراۋەر رايون خەۋپسىزلىكى ھەمكارلىق رامكىسىنى تىرىشىپ بەرپا قىلىشنى خالايدۇ.

لى شاڭفۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: تەيۋەن جۇڭگونىڭ، تەيۋەن مەسىلىسىنى قانداق ھەل قىلىش جۇڭگولۇقلارنىڭ ئۆزىنىڭ ئىشى، ھەرقانداق تاشقى كۈچنىڭ قول تىقىشىغا ۋە ئارىلىشىشىغا يول قويۇلمايدۇ. دېموكراتىك تەرەققىيات پارتىيەسى دائىرىلىرى «چەتئەل كۈچلىرىگە تايىنىپ مۇستەقىللىقنى كۆزلەش»، تاشقى كۈچلەر «تەيۋەن ئارقىلىق جۇڭگونى تىزگىنلەش»كە ئۇرۇنماقتا، ئۇلار-تەيۋەن بوغۇزىنىڭ ھازىرقى ھالىتىنى ئۆزگەرتىشتىكى ئەڭ چوڭ ئاۋارىچىلىق پەيدا قىلغۇچىلار. ئەگەر بىرەرسى تەيۋەننى جۇڭگودىن ئايرىپ چىقىشقا پېتىنىدىكەن، جۇڭگو ئارمىيەسى قىلچە ئىككىلەنمەي، ھەرقانداق رەقىبىدىن قورقماي، مەيلى قانچىلىك بەدەل تۆلەشتىن قەتئىينەزەر، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قەتئىي قوغدايدۇ.
لى شاڭفۇ يەنە نەنخەي دېڭىزى مەسىلىسى، جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتى قاتارلىقلار توغرىسىدا جۇڭگونىڭ مەيدانىنى شەرھىلىدى.

تەرجىمان: ئامانگۈل ھەبىبۇللا

中央广播电视总台 央广网 版权所有

لى شاڭفۇ 20-نۆۋەتلىك شانگرىلا سۆزلىشىش يىغىنىدا «جۇڭگونىڭ يېڭى خەۋپسىزلىك تەشەببۇسى»قارالمىسى توغرىسىدا سۆز قىلدى

دۆلەت كومىسسارى قوشۇمچە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى لى شاڭفۇ 6-ئاينىڭ 4-كۈنى، 20-نۆۋەتلىك شانگرىلا سۆزلىشىش يىغىنىدا «جۇڭگونىڭ يېڭى خەۋپسىزلىك تەشەببۇسى»قارالمىسى توغرىسىدا سۆز قىلدى.