ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئىمتىھانغا چېتىشلىق قانۇنغا خىلاپ جىنايى ھەرىكەتلەرگە قاتتىق زەربە بېرىلىدۇ

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2023-06-06 09:26

جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقىنىڭ «تور تازىلاش 2023» مەخسۇس ھەرىكىتى ۋە دۆلەتلىك مائارىپ بىر تۇتاش ئىمتىھانى خىزمىتى مىنىستىرلىقلار ئارا بىرلەشمە يىغىنىنىڭ بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن، 2023-يىلىدىن بۇيان، پۈتۈن مەملىكەتتىكى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى مائارىپ قاتارلىق تارماقلار بىلەن بىرلىكتە، ئىمتىھانغا چېتىشلىق تۈرلۈك قانۇنغا خىلاپ جىنايى ھەرىكەتلەرگە يۇقىرى بېسىملىق قاتتىق زەربە بېرىش ھالىتىنى داۋاملىق ساقلاپ، ئىمتىھاندا كۆچۈرمىچىلىك قىلىش ۋە ئوغرىلىقچە ئاڭلاش، ئوغرىلىقچە سۈرەتكە تارتىشتا مەخسۇس ئىشلىتىلىدىغان ئەسۋابلارنى قانۇنسىز ئىشلەپچىقىرىش، سېتىشقا تەشكىللەپ قانۇنغا خىلاپلىق قىلغان جىنايەتچىلەرنى قانۇن بويىچە قاتتىق جازالىدى. ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ھارپىسىدا، جايلاردىكى جامائەت خەۋپسىزلىك ئورگانلىرى بىر تۈركۈم ئىمتىھاندا كۆچۈرمىچىلىك قىلىشقا تەشكىللەش دېلولىرى ۋە ئىمتىھانغا چېتىشلىق ئالدامچىلىق دېلولىرىنى ئارقا-ئارقىدىن پاش قىلدى.

جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى، مائارىپ تارماقلىرى مۇنۇلارنى ئەسكەرتتى: ئىمتىھان قائىدىسى ۋە ئىمتىھان ئىنتىزامىغا خىلاپلىق قىلىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ يان تېلېفون قاتارلىق ئېلېكتىرونلۇق ئۈسكۈنىلەرنى ئىمتىھان نۇقتىسى ۋە ئىمتىھان مەيدانىغا ئېلىپ كىرىشىگە بولمايدۇ؛ ئالدىنىپ قېلىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان سوئالى، جاۋابىنى ساتىمىز دېگەندەك توردىكى ئۇچۇرلارغا ھەرگىز ئىشىنىشكە بولمايدۇ. دۆلەتلىك مائارىپ ئىمتىھانىدا ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنى كۆچۈرمىچىلىك قىلىشقا تەشكىللەش، ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنى ئىمتىھان سوئالى ۋە جاۋابى بىلەن تەمىنلەش، ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ ئورنىدا ئىمتىھان بېرىش، سىمسىز كۆچۈرمىچىلىك ئۈسكۈنىلىرىنى سېتىش ۋە ئىشلىتىش قاتارلىق قىلمىشلار دۆلەتلىك مائارىپ ئىمتىھانىنىڭ بىخەتەرلىكىگە ئېغىر زىيان يەتكۈزۈپ، ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىگە دەخلى-تەرۇز قىلىپ، ئىجتىمائىي ئادىللىق ۋە ھەققانىيلىققا بۇزغۇنچىلىق قىلىش قىلمىشى بولۇپ، ئىمتىھاندا كۆچۈرمىچىلىك قىلىشقا تەشكىللەش جىنايىتى، ئىمتىھان سوئالى ۋە جاۋابىنى قانۇنسىز سېتىش، تەمىنلەش جىنايىتى، ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ ئورنىدا ئىمتىھان بېرىپ كۆچۈرمىچىلىك قىلىش جىنايىتى، ئوغرىلىقچە ئاڭلاش، ئوغرىلىقچە سۈرەتكە تارتىشتا مەخسۇس ئىشلىتىلىدىغان ئەسۋابلارنى قانۇنسىز ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش، ئىشلىتىش جىنايىتى، قانۇنسىز تىجارەت قىلىش جىنايىتى ۋە سىمسىز تېلېگراف ئالاقىسىنى باشقۇرۇش تەرتىپىنى قالايمىقانلاشتۇرۇش جىنايىتى قاتارلىق جىنايەتلەرگە چېتىلىدۇ. دۆلەتلىك مائارىپ ئىمتىھانىدا كۆچۈرمىچىلىك قىلغان ئوقۇغۇچىلار دۆلەتنىڭ مائارىپ ئىمتىھان تەرتىپىگە ئېغىر دەرىجىدە بۇزغۇنچىلىق قىلىش، «مائارىپ قانۇنى»غا خىلاپلىق قىلىشقا چېتىلىدۇ. جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى ۋە مائارىپ تارماقلىرى ئىمتىھانغا چېتىشلىق جىنايەتلەرگە قىلچە يول قويماسلىق پوزىتسىيەسىنى داۋاملىق ساقلاپ، ئىمتىھانغا چېتىشلىق قانۇنغا خىلاپ تۈرلۈك جىنايى ھەرىكەتلەرگە قانۇن بويىچە قاتتىق زەربە بېرىپ، 2023-يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنىڭ بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىنى ھەقىقىي قوغدايدۇ.

تەرجىمان: ئابدۇللا موللا

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ئىمتىھانغا چېتىشلىق قانۇنغا خىلاپ جىنايى ھەرىكەتلەرگە قاتتىق زەربە بېرىلىدۇ

جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقىنىڭ «تور تازىلاش 2023» مەخسۇس ھەرىكىتى ۋە دۆلەتلىك مائارىپ بىر تۇتاش ئىمتىھانى خىزمىتى مىنىستىرلىقلار ئارا بىرلەشمە يىغىنىنىڭ بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن،