ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئېلىمىز ئادەملىك ئالەم كېمىسىنى قارا توسۇق رايونىدا ئىز قوغلاپ ئۆلچەشتە زور بۆسۈش ھاسىل قىلدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2023-06-06 09:29

شېنجۇ 15-نومۇرلۇق ئادەملىك ئالەم كېمىسى 6-ئاينىڭ 4-كۈنى سەھەردە شەرق شامىلى قونۇش مەيدانىغا مۇۋەپپەقىيەتلىك قوندى، پەن-تېخنىكا خادىملىرى ئۇنىڭ قارا توسۇق رايونىدىن ئۆتكەندە مۇقىم ئىزىغا چۈشتى. بۇ ئېلىمىزنىڭ ئادەملىك ئالەم كېمىسىنىڭ قارا توسۇق رايونىدىن ئۆتۈپ قايتىپ كېلىش جەريانىدا ئىزىغا چۈشۈپ ئۆلچەش قىيىن مەسىلىسىدە زور بۆسۈش ھاسىل قىلغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ.

ئالەم كېمىسى يەر شارىغا قايتقاندا، ئاتموسفېرا قاتلىمى بىلەن قاتتىق سۈركىلىش يۈز بېرىپ، تېمپېراتۇرا شىددەت بىلەن ئۆرلەپ، گاز مولېكۇلالىرى بىلەن ئالەم كېمىسىنىڭ سىرتقى يۈزىنىڭ كۆيۈپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ماتېرىياللارنىڭ ھەممىسىدە ئىيونلىشىش يۈز بەردى. ئۈزلۈكسىز ھاسىل بولغان بۇ ئىيونلۇق گازلار ئالەم كېمىسىنىڭ ئەتراپىنى ئوراپ، پىلازما غىلاپ قېپىنى شەكىللەندۈردى، بۇ ئېلېكتىر ماگنىت دولقۇنىغا نىسبەتەن سۈمۈرۈپ ئاجىزلىشىش، سۇنۇش، قايتىش، چېچىلىش قاتارلىق تەسىرلەرنى پەيدا قىلدى، بۇنىڭ بىلەن ئالەم كېمىسىنىڭ ئىچكى قىسمى بىلەن تاشقى دۇنيانىڭ سىمسىز ئالاقىشىشى بىنورمال بولدى، ھەتتا ئۈزۈلۈپ قالدى. مانا بۇ ئاتالمىش قارا توساق ھادىسىسى بولۇپ، بۇ جەريان قارا توسۇق رايونى، دەپمۇ ئاتىلىدۇ.

ئالەم كېمىسى قارا توسۇق رايونىدىن ئۆتكەندە، پەقەت رادار ۋە ئوپتىكىلىق ئۈسكۈنىلەرگە تايىنىپ ئىزىغا چۈشۈپ ئۆلچىگىلى بولىدۇ، بۇ مەزگىلدە ئالەم كېمىسىنىڭ ئىزىغا مۇقىم چۈشكىلى بولامدۇ-يوق؟مەيلى قارا توسوقتىن چىققاندىن كېيىنكى ئالەم كېمىسىنى كۆزىتىش ۋە كونترول قىلىشتا بولسۇن، يەنىلا ئالەم كېمىسىنىڭ چۈشۈش نۇقتىسىدىن ۋاقتىدا ئالدىن مەلۇمات بېرىش ئىنتايىن مۇھىم. جيۇچۈەن سۈنئىي ھەمراھ قويۇپ بېرىش مەركىزى دۇنخۇاڭ ئۆلچەش كونترول قىلىش رايونىنىڭ ۋەزىپە رايونى ئالەم كېمىسىنىڭ قارا توسۇق رايونىغا كىرىپ چىقىش جەريانىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ قارا توسۇق رايونىدا ئالەم كېمىسىنىڭ مۇقىم ئىزىغا چۈشۈشتىكى يادرولۇق كۈچ.

دۇنخۇاڭ ئۆلچەش-تىزگىنلەش رايونىنىڭ قوماندانى زېڭ چياڭنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، شېنجۇ 15-نومۇرلۇق ئادەملىك ئالەم كېمىسى قايتىپ كەلگەندە، ئۇلار «قارا توسۇق رايونىدا رادار ئارقىلىق ئىز قوغلاش لايىھەسىنى ياخشىلاپ، ئاساسقا كاپالەتلىك قىلىپ، بۇلۇتلۇق ھاۋا رايىدا ئوپتىكىلىق ئىزىغا چۈشۈش تاكتىكىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش»نىڭ ئومۇمىي تەسەۋۋۇرىنى بېكىتىپ، رادار ۋە ئوپتىكىدىن ئىبارەت ئىككى جەھەتتە بىرىكمە كۈچ ھاسىل قىلىپ، ئالەم كېمىسىنى قارا توسۇق رايونىدا ئىزىغا چۈشۈپ ئۆلچەش ۋەزىپىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىدى.

«نىشان بايقالدى، ئىز قوغلاش نورمال بولدى!» 6-ئاينىڭ4-كۈنى سەھەردە، شېنجۇ 15-نومۇرلۇق ئالەم كېمىسىنىڭ قايتىش بۆلمىسى قارا توسۇق رايونىغا كىرىشى بىلەن، دۇنخۇاڭ ئۆلچەش-كونترول قىلىش رايونى ئوپتىكا گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى لى چاڭسۇڭ قايتىش بۆلۈمىسىنىڭ سۈپسۈزۈك سۈرىتىنى توغرا تارتىۋالدى، ھەمدە ئاپتوموبىلغا ئورنىتىلغان خەۋەرلىشىش ئۈسكۈنىلىرى ئارقىلىق دەرھال بېيجىڭ ئۇچۇشنى كونترول قىلىش مەركىزىگە يەتكۈزدى.

ئۆلچەش-تىزگىنلەش رايونىدىكى تېخنىكا مۇتەخەسسىسى ۋۇ گاڭ مۇنداق دېدى: بىز شېنجۇ 1-نومۇر ۋەزىپىسىنى باشلىغاندىن تارتىپ، ئالەم كېمىسىنىڭ قارا توسۇق رايونىدا ئىزىغا ئۆلچەش قىيىن بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، نەچچە ئەۋلاد ئۆلچەپ كونترول قىلغۇچىلار داۋاملىق ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، نۇرغۇن پەن-تەتقىقات ئاپپاراتلىرى بىلەن بىرلىشىپ، ئالەم كېمىسىنىڭ قارا توسۇق رايونىدىكى رادار قايتما دولقۇن سىگنالىنىڭ ئالاھىدىلىكىگە قارىتا، سىگنالنى قاراتمىلىق تەكشۈرۈش ۋە ئىزىغا چۈشۈش تېخنىكىسىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، قارا توسۇق رايونىدا ئالەم كېمىسىنىڭ مۇقىم ئىزىغا چۈشۈش ئىقتىدارىنى ھازىرلىدۇق.

تەرجىمان: ئادىل ئابلەت

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ئېلىمىز ئادەملىك ئالەم كېمىسىنى قارا توسۇق رايونىدا ئىز قوغلاپ ئۆلچەشتە زور بۆسۈش ھاسىل قىلدى

شېنجۇ 15-نومۇرلۇق ئادەملىك ئالەم كېمىسى 6-ئاينىڭ 4-كۈنى سەھەردە شەرق شامىلى قونۇش مەيدانىغا مۇۋەپپەقىيەتلىك قوندى،