ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

سودىگەر چاقىرىش ئىدارىسى گۇرۇھى ئۆگىنىش ئارقىلىق ئەمەلىي خىزمەتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا مۇلازىمەت قىلدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2023-06-06 09:29

شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش باش تېما تەربىيەسى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، سودىگەر چاقىرىش ئىدارىسى گۇرۇھى قاتناش ئەشيا ئوبوروتى قاتارلىق نۇقتىلىق كەسپىي ساھەلەرنى چۆرىدەپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، ئىسلاھ قىلىش ۋە يېڭىلىق يارىتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئەمەلىي ئىشلەش، ئەمەلىي نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈش ئارقىلىق يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا مۇلازىمەت قىلدى.

باش تېما تەربىيەسى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، سودىگەر چاقىرىش ئىدارىسى گۇرۇھى نەزەرىيە ئۆگىنىشنى يېتەكچى قىلىپ، كىتاب ئوقۇش كۇرسى، مەركەزلىك نۆۋەت بىلەن تەربىيەلەش، مەخسۇس تېمىدا مۇھاكىمە قىلىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇر ئۆگەندى ۋە ئۆزلەشتۈردى. تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى تۇتقا قىلىپ، 650 تىن ئارتۇق تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش مەزمۇنىغا قارىتا مەسىلە تىزىملىكى، مەسئۇلىيەت تىزىملىكى، ۋەزىپە تىزىملىكىنى رەتلەپ، قاتلام ۋە تۈرلەر بويىچە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش گۇرۇپپىسى تەشكىللەپ، بىرىنچى سەپكە بېرىپ ئەمەلىي ئەھۋالنى تەكشۈردى ۋە ئەمەلىي تەدبىر قوللاندى.

بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ئېلىمىزنىڭ ئاپتوموبىل ئېكسپورتى تېز ئاشتى، سودىگەر چاقىرىش ئىدارىسى گۇرۇھى مۇھىم سۇ تىرانسپورت كارخانىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش گۇرۇپپىسى تەشكىللەپ، پورتتىكى قاچىلاش چۈشۈرۈش نەق مەيدانى، ئاپتوموبىل كارخانىلىرىنىڭ خېرىدارلىرى، دومىلىما پاراخوت ياساش بازىسى قاتارلىق جايلارغا بېرىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، باش تېما تەربىيەسى مەزمۇنى ئارقىلىق ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلدى.

پورتنىڭ توشۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش بىلەن بىرگە، يۈرۈشۈش ئۈنۈمىمۇ ئەشيا ئوبوروتىنىڭ راۋان بولۇش ياكى بولماسلىقىنىڭ ئاچقۇچى. سودىگەر چاقىرىش ئىدارىسى گۇرۇھى ئون نەچچە مەخسۇس تۈرنى رەتلەپ چىقىپ، «بىر پورتقا، بىر تەدبىر» قوللىنىپ، دىققەتنى مەسىلىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، «بىر ئىشنى بىر قېتىمدا مۇھاكىمە قىلىش» ئارقىلىق، مەسىلىنى ھەل قىلىشنى ئىلگىرى سۈردى. تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش گۇرۇپپىسى ئەنئەنىۋى يۈك ساندۇقى پىرىستانى شېكوۋ پورتىنىڭ خىزمەت سىجىللىقى چوڭ، مەيدان قىستاڭ بولۇش قاتارلىق خىرىسلارغا دۇچ كەلگەنلىكىنى، ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى داۋاملىق ئۆستۈرۈشنى جىددىي تەلەپ قىلىۋاتقانلىقىنى بايقىدى.

كېيىنكى قەدەمدە، سودىگەر چاقىرىش ئىدارىسى گۇرۇھى باش تېما تەربىيەسىنى پۇرسەت بىلىپ، مەسىلە يۆنىلىشىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، بىر تەرەپتىن تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، يەنە بىر تەرەپتىن خىزمەتلەرنى ياخشىلاپ، «چوڭ قاتناش، چوڭ ئەشيا ئوبوروتى» ئارقىلىق دۆلەتنىڭ تەرەققىيات ئومۇمىيىتىگە تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىدۇ.

تەرجىمان: ئادىل ئابلەت

中央广播电视总台 央广网 版权所有

سودىگەر چاقىرىش ئىدارىسى گۇرۇھى ئۆگىنىش ئارقىلىق ئەمەلىي خىزمەتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا مۇلازىمەت قىلدى

باش تېما تەربىيەسى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، سودىگەر چاقىرىش ئىدارىسى گۇرۇھى نەزەرىيە ئۆگىنىشنى يېتەكچى قىلىپ، كىتاب ئوقۇش كۇرسى، مەركەزلىك نۆۋەت بىلەن تەربىيەلەش، مەخسۇس تېمىدا مۇھاكىمە قىلىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق،