ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

خەن جېڭ تايلاند مەلىكىسى سىرىن دورىن بىلەن كۆرۈشتى ھەمدە مەلىكىنىڭ جۇڭگوغا 50-قېتىم زىيارەتكە كەلگەنلىكىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىگە قاتناشتى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2023-06-06 10:01

دۆلەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى خەن جېڭ 6-ئاينىڭ 5-كۈنى بېيجىڭدا تايلاند مەلىكىسى سىرىن دورىن بىلەن كۆرۈشتى ھەمدە مەلىكىنىڭ جۇڭگوغا 50-قېتىم زىيارەتكە كەلگەنلىكىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىگە قاتناشتى.

خەن جېڭ مەلىكە سىرىن دورىننىڭ جۇڭگوغا زىيارەتكە كەلگەنلىكىنى قىزغىن قارشى ئالدى، ئۇنىڭغا رەئىس شى جىنپىڭنىڭ پادىشاھ ۋاجىرالوڭكورىن ئالىيلىرىغا يوللىغان سەمىمىي سالىمى ۋە ياخشى تىلەكلىرىنى يەتكۈزۈپ قويۇشنى تەكلىپ قىلدى، مەلىكە سىرىن دورىننىڭ 1981-يىلى تۇنجى قېتىم جۇڭگوغا زىيارەتكە كەلگەندىن بۇيان، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا غايەت زور قىزغىنلىقىنى بېغىشلاپ، مۇھىم تۆھپە قوشقانلىقىنى ماختىدى.

خەن جېڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو-تايلاند دوستلۇقى مىڭ يىلدىن ھالقىدى، جۇڭگو-تايلاند مۇناسىۋىتى ئۇزاق تارىخقا ئىگە. جۇڭگو تايلاند بىلەن بىرلىكتە، ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى ھاسىل قىلغان مۇھىم ئورتاق تونۇشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «جۇڭگو-تايلاند بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك يېقىن ئۆتۈش «تەك ئەنئەنىۋى دوستلۇقىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول«نى يۇقىرى سۈپەتتە تەڭ قۇرۇشنى داۋاملىق ئالغا سىلجىتىپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئورتاق تەرەققىي قىلىپ، گۈللىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى خالايدۇ.

سىرىن دورىن جۇڭگونىڭ تايلاندنىڭ يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇشىنى زور كۈچ بىلەن قوللىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتتى، ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: مەن جۇڭگودا 50 قېتىم زىيارەتتە بولۇپ، جۇڭگونىڭ ھەرقايسى جايلىرىنى ئايلىنىپ، جۇڭگو خەلقىنىڭ قىزغىنلىقى ۋە دوستلۇقىنى چوڭقۇر ھېس قىلدىم. جۇڭگونىڭ گۈللەپ روناق تېپىشىغا، ئىككى دۆلەت دوستلۇقىنىڭ مەڭگۈ ياشنىشىغا چىن كۆڭلۈمدىن تىلەكداشلىق بىلدۈرىمەن.

تەرجىمان: ئامانگۈل ھەبىبۇللا

中央广播电视总台 央广网 版权所有

خەن جېڭ تايلاند مەلىكىسى سىرىن دورىن بىلەن كۆرۈشتى ھەمدە مەلىكىنىڭ جۇڭگوغا 50-قېتىم زىيارەتكە كەلگەنلىكىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىگە قاتناشتى

دۆلەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى خەن جېڭ 6-ئاينىڭ 5-كۈنى بېيجىڭدا تايلاند مەلىكىسى سىرىن دورىن بىلەن كۆرۈشتى ھەمدە مەلىكىنىڭ جۇڭگوغا 50-قېتىم زىيارەتكە كەلگەنلىكىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىگە قاتناشتى.