جاۋ لېجى ھەر قايسى ئەللەر پارلامېنتلىرى ئىتتىپاقىنىڭ رەئىسى بىلەن سۆھبەتلەشتى
مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى جاۋ لېجى 9-ئاينىڭ 11-كۈنى چۈشتىن كېيىن خەلق سارىيىدا ھەر قايسى ئەللەر پارلامېنتلىرى ئىتتىپاقىنىڭ رەئىسى پاچېكو بىلەن سۆھبەتلەشتى.
جاۋ لېجى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ھەر قايسى ئەللەر پارلامېنتلىرى ئىتتىپاقى قۇرۇلغان 130 نەچچە يىلدىن بۇيان، ھەر قايسى ئەللەر پارلامېنتلىرىنىڭ ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، چۈشىنىش، ئۆزئارا ئىشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ بىرلىكتە خىرىسقا تاقابىل تۇرۇشى ئۈچۈن مۇھىم سەھنە ھازىرلاپ بەردى. جۇڭگو ھەر قايسى ئەللەر پارلامېنتلىرى ئىتتىپاقىنىڭ خەلقئارا ئىشلاردا تېخىمۇ زور رول ئوينىشىنى قارشى ئالىدۇ.
جاۋ لېجى مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: كۆپ تەرەپچىللىك تىنچلىقنى قوغداش، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ ئۈنۈملۈك يولى. ھەر قايسى ئەللەر پارلامېنتلىرى ئىتتىپاقى كۆپ تەرەپچىللىكنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشنىڭ مۇھىم نەتىجىسى. جۇڭگو مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ھەر قايسى ئەللەر پارلامېنتلىرى ئىتتىپاقىنىڭ تەسىر كۈچىنى يەنىمۇ جارى قىلدۇرۇشىنى، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش تىرىشچانلىقىنى قوللايدۇ. جۇڭگو مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ھەر قايسى ئەللەر پارلامېنتلىرى ئىتتىپاقى ۋە ھەر قايسى دۆلەت پارلامېنتلىرى بىلەن بىرلىكتە ھەر قايسى دۆلەت خەلقىنىڭ ئۆزئارا چۈشىنىشى ۋە يېقىن ئۆتۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.
جاۋ لېجى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو ھەر قايسى ئەللەر پارلامېنتلىرى ئىتتىپاقىنىڭ ئۇزاقتىن بۇيان جۇڭگونىڭ يادرولۇق مەنپەئەتىگە مۇناسىۋەتلىك ۋە زور كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەردە ئادىل مەيداندا تۇرغانلىقىغا ئاپىرىن ئېيتىدۇ، ھەر قايسى ئەللەر پارلامېنتلىرى ئىتتىپاقى بىلەن بولغان دوستلۇق مۇناسىۋەتنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈشنى ئۈمىد قىلىدۇ. جۇڭگو مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى بىلەن ھەر قايسى ئەللەر پارلامېنتلىرى ئىتتىپاقى بىرلىكتە بەش قېتىم تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر پارلامېنت ئەزالىرى مۇھاكىمە كۇرسى ئاچتى. جۇڭگو بۇ ئالماشتۇرۇش سۇپىسىنىڭ رولىنى داۋاملىق ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ھەر قايسى دۆلەت پارلامېنت ئەزالىرى بىلەن تەجرىبىلەردىن تەڭ بەھرىمەن بولۇش، ھەمكارلىشىش ئۈستىدە بىرلىكتە ئىزدىنىشنى خالايدۇ.
جاۋ لېجى خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمى ۋە مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىغا ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تونۇشتۇردى. ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو ھەر قايسى ئەللەر پارلامېنتلىرى ئىتتىپاقى بىلەن قانۇن چىقىرىش ئاپپاراتلىرىنىڭ فۇنكسىيەلىك رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇش، خەلقنىڭ ئۆز ئىشىغا ئۆزى ئىگە بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىشنى خالايدۇ.
پاچېكو مۇنۇلارنى بىلدۈردى: كېلەر يىلى جۇڭگو مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ھەر قايسى ئەللەر پارلامېنتلىرى ئىتتىپاقىغا كىرگەنلىكىنىڭ 40 يىللىقى. جۇڭگو ئىتتىپاقنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى ئىزچىل پائال قوللاپ كەلدى، ئىككى تەرەپ نامراتلارنى ئازايتىش، پۈتۈن دۇنيانىڭ سىغدۇرۇشچان بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئافرىقىدا ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات نىشانىنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق نۇرغۇن جەھەتلەردىكى ھەمكارلىقتا مول نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. ئىككى تەرەپنىڭ ئالماشتۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ھەمكارلىقنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
تەرجىمان: ئادىل ئابلەت