ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

8-ئايدا ئېلىمىزنىڭ ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىش ۋە سېتىش مىقدارى ئاشتى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2023-09-12 09:51

جۇڭگو ئاپتوموبىل سانائىتى جەمئىيىتى 9-ئاينىڭ 11-كۈنى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتقا قارىغاندا، بۇ يىل 8-ئايدا، ئېلىمىزنىڭ ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىش ۋە سېتىش مىقدارى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن قوش ئاشقان، ئىشلەپچىقىرىش ۋە سېتىش داۋاملىق ئەسلىگە كېلىش ۋەزىيىتىنى ساقلىغان.

بۇ يىل 8-ئايدا، ئېلىمىزنىڭ ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىش ۋە سېتىش مىقدارى ئايرىم-ئايرىم 2 مىليون 575 مىڭ ۋە 2 مىليون 582 مىڭ بولۇپ، ئالدىنقى ئايدىكىدىن ئايرىم-ئايرىم %7.2 ۋە %8.2، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %7.5 ۋە %8.4 ئاشقان. جۇڭگو ئاپتوموبىل سانائىتى جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى چېن شىخۇا تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: 8-ئايدا، دۆلەتنىڭ ئىستېمالنى ئىلگىرى سۈرۈش سىياسىتى ۋە ئاپتوموبىل كارخانىلىرىنىڭ ئېتىبارلىق سېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈشى قاتارلىق ئامىللارنىڭ تۈرتكىسىدە، ئاپتوموبىل سېتىۋېلىش ئېھتىياجى داۋاملىق ئاشتى، ئاپتوموبىل بازىرىدا ئومۇمىي جەھەتتىن «سۇسلىشىش مەزگىلىدە سۇسلاشماسلىق» ئالاھىدىلىكى كۆرۈلدى. بۇنىڭ ئىچىدە، يولۇچىلار ئاپتوموبىلى ۋە سودا ئاپتوموبىلى ئىشلەپچىقىرىش ۋە سېتىش مىقدارى ئاشتى، يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل ۋە ئاپتوموبىل ئېكسپورتى يەنىلا ياخشى بولدى.

دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، 8-ئايدا، جۇڭگونىڭ داڭلىق ماركىلىق يولۇچىلار ئاپتوموبىل بازىرىنىڭ ئۈلۈشى تېز سۈرئەتتە ئېشىپ، 8.4 پوئېنت ئۆرلىدى. ئومۇملاشتۇرۇپ قارىغاندا، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى سەككىز ئېيىدا، ئېلىمىزنىڭ ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىش ۋە سېتىش مىقدارى ئايرىم-ئايرىم 18 مىليون 225 مىڭ ۋە 18 مىليون 210 مىڭ بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئايرىم-ئايرىم %7.4 ۋە %8 ئاشقان. چېن شىخۇا يېقىنقى مەزگىلدە بىر يۈرۈش ماكرولۇق تەڭشەپ تىزگىنلەش سىياسەت-تەدبىرلىرىنىڭ ئارقا-ئارقىدىن چىقىرىلىشىغا ئەگىشىپ، كارخانىلارنىڭ بازار تەرەققىياتىغا بولغان ئىشەنچىسى يەنىمۇ ئاشتى دېدى.

تەرجىمان: ئابدۇللا موللا

中央广播电视总台 央广网 版权所有