خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى خەلق تۇرمۇشىنى تولۇق كاپالەتلەندۈرۈش بىخەتەرلىك تورىنى زىچ توقۇماقتا
گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى 9-ئاينىڭ 12-كۈنى «نوپۇزلۇق تارماقلار باشلىنىش توغرىسىدا توختالدى» ماۋزۇلۇق يۈرۈشلۈك باش تېمىلىق ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچتى. خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنداق دېدى: ھەر دەرىجىلىك خەلق ئىشلىرى تارماقلىرى ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بار ئاممىنى تولۇق كاپالەتلەندۈرۈش فۇنكسىيەسىنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، خەلقنىڭ بەخت-سائادىتىنى داۋاملىق ئاشۇرۇپ، ئورتاق بېيىشنى ئىلگىرى سۈردى. كۆپ خىل تەدبىرنى تەڭ قوللىنىپ، مەسئۇلىيەتنى چىڭىتىپ، خەلق تۇرمۇشىنى تولۇق كاپالەتلەندۈرۈش بىخەتەرلىك تورىنى زىچ، پۇختا توقۇدى.
ئېلىمىز تەشەببۇسكارلىق بىلەن بايقاش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىلتىماس قىلىش ئىقتىدارى يېتەرلىك بولمىغان قىيىنچىلىقى بار ئاممىنى بايقاش ۋە ياردەم بېرىش خىزمىتىنى نۇقتىلىق ياخشى ئىشلىدى. تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتىگە يېقىن ئائىلىلەرنى بېكىتىشنى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇپ، تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتىگە يېقىن ئائىلىلەردىكى ئېغىر كېسەل، ئېغىر مېيىپ كىشىلەرنى تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى دائىرىسىگە ئايرىم كىرگۈزۈپ، «كاپالەتلەندۈرۈشكە تېگىشلىكلىرىنى تولۇق كاپالەتلەندۈرۈش، قۇتقۇزۇشقا تېگىشلىكلىرىنى تولۇق قۇتقۇزۇش»نى كۈچەپ ئىشقا ئاشۇردى. خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى ئىجتىمائىي قۇتقۇزۇش مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى ليۇ شىتاڭ مۇنداق دېدى: ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات سەۋىيەسىگە ئاساسەن قۇتقۇزۇش كاپالەت ئۆلچىمى ۋاقتىدا تەڭشەلدى، بۇ يىل 6-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، مەملىكەت بويىچە شەھەر ۋە يېزىلارنىڭ تۆۋەن كاپالەت ئۆلچىمى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئايرىم-ئايرىم %4.8 ۋە %8.5 ئاشتى. بۇ يىل 1-ئايدىن 6-ئايغىچە، مەملىكەت بويىچە تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى، ئالاھىدە قىيىنچىلىق ھەم ۋاقىتلىق قۇتقۇزۇش مەبلىغىدىن 126 مىليارد 500 مىليون يۈەن چىقىم قىلىنىپ، قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ ئاساسىي تۇرمۇشىغا بىر قەدەر ياخشى كاپالەتلىك قىلىندى.
ئېلىمىز نوپۇسنىڭ قېرىلىشىشىغا پائال تاقابىل تۇرۇش دۆلەت ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، كۈتۈنۈش ئىشلىرى، كۈتۈنۈش كەسپىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، ياشانغانلارنىڭ تۇرمۇش سۈپىتىنى تىرىشىپ ئۆستۈردى. خەلق ئىشلىرى مىنىستىرى تاڭ دېڭجيې مۇنداق دېدى: ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش سىجىل ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى تۈزۈمى مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، كۆپ قاتلاملىق، كۆپ تۈۋرۈكلۈك كۈتۈنۈش سۇغۇرتا سىستېمىسى راۋاجلاندۇرۇلۇپ، ئۇزۇن مۇددەتلىك پەرۋىش سۇغۇرتىسى تۈزۈمى ئورنىتىلىپ، ياشانغانلارنى ساغلاملىق جەھەتتىن پەرۋىش قىلىش ۋە مۇلازىمەت قىلىش سەۋىيەسى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈلىدۇ. ئائىلە مەھەللە ئاپپاراتلىرى ئۆزئارا ماسلاشقان، داۋالاش بىلەن كۈتۈنۈش، ساغلاملىق بىلەن كۈتۈنۈش ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈلگەن كۈتۈنۈش مۇلازىمەت سىستېمىسى تېزدىن بەرپا قىلىنىپ، ئاساسىي كۈتۈنۈش مۇلازىمىتى ۋە ئائىلە مەھەللە كۈتۈنۈش مۇلازىمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش سالمىقى ئاشۇرۇلۇپ، ياشانغانلارنىڭ غىزالىنىشىغا ياردەم بېرىش مۇلازىمىتى ۋە ئۆيدە كۈتۈنۈشكە ماس كېلىدىغان قىلىپ ئۆزگەرتىش قاتارلىقلار قانات يايدۇرۇلۇپ، ناھىيە، يېزا، كەنتتىن ئىبارەت ئۈچ دەرىجىلىك يېزا كۈتۈنۈش مۇلازىمەت تورى قۇرۇلۇشى كۈچەيتىلىپ، كۈتۈنۈش مۇلازىمىتىنى ئۇنىۋېرسال نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تۈزۈمى مۇكەممەللەشتۈرۈلىدۇ.
بۇنىڭدىن باشقا، ئېلىمىز خەلق ئىشلىرى ساھەسىگە ئالاقىدار جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىش ۋە ئاممىۋى مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈردى. خەلق ئىشلىرى تارماقلىرى ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنى دۆلەت يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشتە نۇقتىلىق ياردەم بېرىدىغان 160 ناھىيەگە نىشانلىق ياردەم بېرىش، ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەنلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا ياردەم بېرىشكە يېتەكلەپ، ھەر دەرىجىلىك كەسپىي جەمئىيەتلەر، سودا ئۇيۇشمىلىرىنىڭ كارخانىلارنىڭ يۈكىنى داۋاملىق يېنىكلىتىشىگە تۈرتكە بولدى. تەستىقلاش، ئىش بېجىرىش تەرتىپىنى پائال ئاددىيلاشتۇرۇپ ۋە ياخشىلاپ، ئاھالىلەرنىڭ ئۆيلىنىش ئىشلىرىنى تىزىملاشتا «ئۆلكە ھالقىپ بىر تۇتاش بېجىرىش» سىنىقىنى كېڭەيتىپ، كۆپ خىل مۇلازىمەتنى «بىرلا جايدا قاراپ چىقىشقا قوبۇل قىلىش»، «توردا بېجىرىش»، «يان تېلېفوندا بېجىرىش»نى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلققە، كارخانىلارغا نەپ يەتكۈزۈش سەۋىيەسىنى ئۆستۈردى.
تەرجىمان: ئابدۇللا موللا