لى شى «77 دۆلەت گۇرۇھى ۋە جۇڭگو» ھاۋانا باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىدۇ ھەمدە كۇبا، بىرازىلىيە، مىسىردا زىيارەتتە بولىدۇ
دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ ئالاھىدە ۋەكىلى، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيورۇسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى لى شى 77 دۆلەت گۇرۇھىنىڭ 2023-يىللىق رەئىس دۆلىتى كۇبانىڭ دۆلەت رەئىسى دىئاز كانېلنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، 9-ئاينىڭ 14-كۈنىدىن 16- كۈنىگىچە ھاۋانادا ئۆتكۈزۈلىدىغان «77 دۆلەت گۇرۇھى ۋە جۇڭگو» باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىدۇ.
كۇبا كومپارتىيەسى، بىرازىلىيە ھۆكۈمىتى ۋە ئەمگەكچىلەر پارتىيەسى، مىسىر ۋەتەن كەلگۈسى پارتىيەسىنىڭ رەئىسى، كېڭەش پالاتاسىنىڭ باشلىقى ئابدۇللا زىگىرىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيوروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزى ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى لى شى 9-ئاينىڭ 16-كۈنىدىن 26-كۈنىگىچە جۇڭگو كومپارتىيەسى ۋەكىللەر ئۆمىكىنى باشلاپ يۇقىرىقى ئۈچ دۆلەتتە رەسمىي دوستانە زىيارەتتە بولىدۇ.
تەرجىمان: ئامانگۈل ھەبىبۇللا