جاۋ لېجى ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى فېدېراتسىيە خەلق پارلامېنتىنىڭ باشلىقى بىلەن سۆھبەتلەشتى
مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى جاۋ لېجى 9-ئاينىڭ 13-كۈنى چۈشتىن كېيىن خەلق سارىيىدا ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى فېدېراتسىيە خەلق پارلامېنتىنىڭ باشلىقى ساگېر بىلەن سۆھبەتلەشتى.
جاۋ لېجى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن زۇڭتۇڭ مۇھەممەدنىڭ ئىستراتېگىيەلىك يېتەكچىلىكىدە، جۇڭگو بىلەن ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەندى، ئەمەلىي ھەمكارلىقى سىجىل كېڭەيدى، خەلقنىڭ دوستلۇقى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتى، ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەت ئومۇميۈزلۈك، تېز، چوڭقۇر تەرەققىي قىلىشتەك يېڭى باسقۇچقا قەدەم قويدى. جۇڭگو ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى بىلەن بىرلىكتە جۇڭگو-ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى مۇناسىۋىتىنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەگە يۈكسىلىشىگە تۈرتكە بولۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىشنى خالايدۇ.
جاۋ لېجى مۇنداق دېدى: جۇڭگو ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ ياخشى دوستى، ياخشى ھەمراھى، ياخشى قېرىندىشى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئىككى دۆلەتنىڭ دوستلۇق چوڭ يۆنىلىشىنى بىرلىكتە ئىگىلەپ، ھەر قايسى قاتلاملارنىڭ ئالاقىسىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، ئىستراتېگىيە جەھەتتىكى ئۆزئارا ئىشىنىشنى مۇستەھكەملەشنى خالايدۇ. ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ جۇڭگونىڭ يادرولۇق مەنپەئەتىگە چېتىلىدىغان ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان زور مەسىلىلەردە ئۇزاقتىن بۇيان قەتئىي قوللاپ كەلگەنلىكىگە رەھمەت، ھەر قايسى ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ئۈمىد قىلىمەن. ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ كېسەك ئالتۇن چوڭ ئائىلىسىنىڭ ئەزاسى بولغانلىقىنى تەبرىكلەيمەن.
جاۋ لېجى رەئىس شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان دۇنيا تەرەققىيات تەشەببۇسى، دۇنيا خەۋپسىزلىك تەشەببۇسى، دۇنيا مەدەنىيلىك تەشەببۇسىنى تونۇشتۇردى. جۇڭگونىڭ ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى بىلەن بىرلىكتە «ئۈچ چوڭ دۇنيا تەشەببۇسى» ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، داۋالغۇپ تۇرغان دۇنياغا تېخىمۇ كۆپ ئىجابىي كۈچ قوشۇشنى خالايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
جاۋ لېجى مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو بىلەن ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى قانۇن چىقىرىش ئاپپاراتلىرىنىڭ ئالاقىسى ئىككى دۆلەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى. جۇڭگو مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى فېدېراتسىيە خەلق پارلامېنتى بىلەن بولغان دوستلۇق ھەمكارلىقىنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش قاتارلىق جەھەتلەردىكى تەجرىبە ئالماشتۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى تەڭ قۇرۇش ۋە ھەر قايسى ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقنى قانۇن كاپالىتىگە ئىگە قىلىشنى خالايدۇ.
ساگېر مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو ئىشىنىشكە ئەرزىيدىغان ھەمراھىمىز ۋە دوستىمىز. ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى جۇڭگونىڭ غايەت زور تەرەققىيات نەتىجىلىرىنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىدىن خۇشال. جۇڭگونىڭ تەرەققىياتى دۇنيادىكى باشقا دۆلەتلەرگە تېخىمۇ كۆپ پۇرسەت ئېلىپ كېلىدۇ. كېلەر يىلى ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى بىلەن جۇڭگو دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 40 يىللىقى. ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى فېدېراتسىيە خەلق پارلامېنتى جۇڭگو مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، قانۇن چىقىرىش قاتارلىق ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇش، ئۆز ئارا ئۆرنەك ئېلىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە تۆھپە قوشۇشنى خالايدۇ.
تەرجىمان: ئادىل ئابلەت