لى چياڭ كامبودژانىڭ باش ۋەزىرى بىلەن سۆھبەتلەشتى
9-ئاينىڭ 15-كۈنى چۈشتىن كېيىن، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى چياڭ خەلق سارىيىنىڭ شەرقىي دەرۋازىسى سىرتىدىكى مەيداندا مۇراسىم ئۆتكۈزۈپ، كامبودژانىڭ باش ۋەزىرى خۇڭ مانەينىڭ ئېلىمىزگە رەسمىي زىيارەتكە كەلگەنلىكىنى قارشى ئالدى.
قارشى ئېلىش مۇراسىمىدىن كېيىن، لى چياڭ خۇڭ مانەي بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى.
لى چياڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ يىل جۇڭگو-كامبودژا دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 65 يىللىقى، ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقاندىن بۇيان باشتىن-ئاخىر ئېغىر كۈنلەردە بىللە بولۇپ، ئۆزئارا ھەمدەم بولۇپ، دۆلەتلەر ئارا باراۋەر مۇئامىلە قىلىش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق پايدا ئېلىشنىڭ ئۈلگىسىنى تىكلىدى. جۇڭگو كامبودژا بىلەن بىرلىكتە ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ مۇھىم ئورتاق تونۇشىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يۇقىرى قاتلامدىكىلەر ئالاقىسىنىڭ يېتەكچىلىك رولىنى داۋاملىق جارى قىلدۇرۇپ، ئىستراتېگىيەلىك پىكىر ئالماشتۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەت دوستلۇقىنىڭ چوڭ يۆنىلىشىنى پۇختا ئىگىلەپ، جۇڭگو-كامبودژا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىدا ئۈزلۈكسىز يېڭى ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرۈشنى خالايدۇ.
لى چياڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگو كامبودژانىڭ دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى، تەرەققىيات مەنپەئەتىنى قوغدىشىنى قەتئىي قوللايدۇ، ئۆز دۆلىتىنىڭ ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان تەرەققىيات يولى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، كامبودژا بىلەن تەرەققىيات ئىستراتېگىيەنى تۇتاشتۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى ئارا ماسلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، جۇڭگو-كامبودژا «ئالماس ئالتە تەرەپ» ھەمكارلىق رامكىسىنى چىڭ تۇتۇپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو-كامبودژا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى ھەرىكەت پىلانىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سانائەت، يېزا ئىگىلىكى، ئىقتىساد-سودا قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنىڭ سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ دەرىجىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تېخىمۇ كۆپ ئەمەلىي نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشنى خالايدۇ. ئىككى تەرەپ «جۇڭگو-كامبودژا دوستلۇق يىلى» يۈرۈشلۈك پائالىيىتىنى داۋاملىق ياخشى ئۆتكۈزۈپ، سەھىيە، مائارىپ، مەدەنىيەت-ساياھەت قاتارلىق ئادىمىيەت ئالماشتۇرۇشى، ھەمكارلىقىنى سىجىل ئالغا سىلجىتىشى كېرەك. جۇڭگو كامبودژا بىلەن رايون ۋە خەلقئارا ئىشلاردا زىچ ماسلىشىپ، ئۆزئارا قوللاپ، لەنساڭجياڭ-مىكون دەرياسى ھەمكارلىقىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى خالايدۇ.
خۇڭ مانەي مۇنۇلارنى بىلدۈردى: دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 65 يىلدىن بۇيان، كامبودژا بىلەن جۇڭگونىڭ يېقىن دوستلۇقى ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتى. كامبودژا يېڭى ھۆكۈمىتى جۇڭگو بىلەن بىرلىكتە ئىككى دۆلەتنىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇقىنى يەنىمۇ ياخشى قوغداپ، ياخشى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى خالايدۇ. كامبودژا بىر جۇڭگو پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىدۇ، تاشقى كۈچلەرنىڭ جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىشىغا قەتئىي قارشى تۇرىدۇ، رەئىس شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان مۇھىم تەشەببۇسىنى قوللايدۇ، جۇڭگو بىلەن «ئالماس ئالتە تەرەپ» رامكىسى ئىچىدە ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى يەنىمۇ كېڭەيتىپ، خەلقئارا ۋە رايون ئىشلىرىدىكى ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، كامبودژا-جۇڭگو تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى خالايدۇ.
سۆھبەتتىن كېيىن، ئىككى دۆلەت زۇڭلىلىرى سانائەت، يېزا ئىگىلىكى، ئۇل ئەسلىھە، رەقەملىك ئىقتىساد، يېشىل تەرەققىيات قاتارلىق ساھەلەردىكى كۆپ تۈرلۈك ئىككى تەرەپلىك ھەمكارلىق ھۆججەتلىرىنى ئىمزالاشقا قاتناشتى.
تەرجىمان: ئىمىنجان ئىسمايىل