لى چياڭ ۋىيېتنام زۇڭلىسى بىلەن كۆرۈشتى
جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تور 17-سېنتەبىر بېيجىڭ خەۋىرى:
گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى چياڭ 9-ئاينىڭ 16-كۈنى نەننىڭدا ۋىيېتنام زۇڭلىسى فام مىنچىن بىلەن كۆرۈشتى.
لى چياڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو بىلەن ۋىيېتنام سوتسىيالىستىك دوست قوشنىلار، ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى. باش شۇجى شى جىنپىڭ بىلەن باش شۇجى نۈەن فۇروڭنىڭ يېتەكچىلىكىدە، ئىككى پارتىيە، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى ياخشى تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى ساقلىدى. جۇڭگو ۋىيېتنام بىلەن بىرلىكتە، ئىككى پارتىيەنىڭ ئالىي رەھبەرلىرىنىڭ مۇھىم ئورتاق تونۇشىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يۇقىرى قاتلامدىكىلەرنىڭ يېتەكچىلىكىنى كۈچەيتىپ، ئۆزئارا مەدەت بېرىشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئورتاق ئىستراتېگىيەلىك مەنپەئەتنى قوغداپ، سودا، ئادىمىيەت ئالاقىسىنى كېڭەيتىپ، جۇڭگو ۋىيېتنام مۇناسىۋىتى ۋە ھەمكارلىقىنى ئۈزلۈكسىز يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈشنى خالايدۇ. ئىككى تەرەپ سۆزلىشىش، كېڭىشىش ئارقىلىق ئىختىلاپلارنى تىزگىنلەشتە چىڭ تۇرۇپ، زوراۋانلىق سىياسىيسىغا بىرلىكتە قارشى تۇرۇشى كېرەك.
فام مىنچىن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ۋىيېتنام بىلەن جۇڭگونىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق، ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى-ۋىيېتنام ئەڭ بالدۇر ئورناتقان، ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەلىك، ئەڭ ئەھمىيەت بېرىدىغان تاشقى مۇناسىۋەت. ۋىيېتنام-جۇڭگو مۇناسىۋىتىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇش-ۋىيېتنامنىڭ تاشقى مۇناسىۋىتىنىڭ ئوبيېكتىپ تەلىپى، مۇھىم ئالدىن ئېتىبار بېرىدىغان ئىشى ۋە ئىستراتېگىيەلىك تاللىشى. ۋىيېتنام جۇڭگونىڭ تەرەققىي قىلىپ قۇدرەت تېپىشىنى قوللايدۇ، جۇڭگو بىلەن ھەر قايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى يېڭى سەۋىيەگە كۆتۈرۈشنى خالايدۇ.
تەرجىمان: ئابدۇللا موللا