سىياسىي كېڭەش 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 4-سانلىق يىغىنى يېپىلدى
ئىستانسىمىز خەۋىرى: سىياسىي كېڭەش 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 4-سانلىق يىغىنى 11-ئاينىڭ 2-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن بېيجىڭدا يېپىلدى، يىغىندا «ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداشنى كۈچەيتىپ، گۈزەل جۇڭگو قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش»-مۇھاكىمە تېمىسى قىلىندى. جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋاڭ خۇنىڭ يېپىلىش يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ج ك پ 18ـ قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ئېلىمىزنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىدا تارىخىي خاراكتېرلىك، بۇرۇلۇش خاراكتېرلىك، ئومۇمىيەت خاراكتېرلىك ئۆزگىرىشلەر بولۇپ، گۈزەل جۇڭگو قۇرۇلۇشىدا زور قەدەم تاشلاندى. شى جىنپىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەملىكەتلىك ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى بويىچە مەخسۇس كېڭىشىش ۋە دېموكراتىك نازارەت قىلىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، گۈزەل جۇڭگو قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىش، ئادەم بىلەن تەبىئەت ئىناق بىللە ئۆتۈشنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن ئەقىل كۆرسىتىش ۋە كۈچ چىقىرىش كېرەك.
ۋاڭ خۇنىڭ مۇنداق دېدى: بۇنىڭدىن كېيىنكى بەش يىل گۈزەل جۇڭگو قۇرۇلۇشىنىڭ مۇھىم مەزگىلى، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى گۈزەل جۇڭگو قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش يۆنىلىشى ۋە كۈچەش مۇھىم نۇقتىسىنى توغرا تېپىپ، چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، تولۇق كېڭىشىپ ۋە مۇزاكىرە قىلىپ، ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىش، چارە-تەدبىر كۆرسىتىشنىڭ قاراتمىلىقى ۋە ئەمەلىي ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك. ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىدىكى زور نەزەرىيە ۋە ئەمەلىيەت مەسىلىلىرىنى چۆرىدەپ، تەتقىق قىلىش، تەھلىل قىلىشنى، كېڭىشىش، ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تېخىمۇ ۋەزىنلىك پىكىر ۋە تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇش كېرەك. جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇھىم تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى زىچ چۆرىدەپ دېموكراتىك نازارەتچىلىكنى قانات يايدۇرۇپ، كېڭىشىش شەكلىدىكى نازارەتچىلىك ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ، دېموكراتىك نازارەتچىلىك ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. ساھە ئاممىسى ۋە جەمئىيەتتىكى ئاممىغا يۈزلىنىپ، شى جىنپىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسىنى پائال تەشۋىق قىلىپ، جايلار ۋە ئالاقىدار تارماقلارنىڭ يېشىل تاغ ـ سۈزۈك سۇنىڭ ئۆزى بىر بايلىق دېگەن ئىدىيەنى تۇرغۇزۇش ۋە ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشنىڭ جانلىق ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەپ، گۈزەل جۇڭگو قۇرۇش ئورتاق تونۇشىنى كەڭ دائىرىدە مۇجەسسەملەش كېرەك.
ۋاڭ خۇنىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى باشتىن ئاخىر ئېھتىياتچانلىق بىلەن ئورۇنداپ، خىزمەتنىڭ سىستېمىلىقلىقى، ئالدىن كۆرەرلىكى، قاراتمىلىقى، ئەمەلىي ئۈنۈمدارلىقىنى كۈچەيتىش كېرەك. سىياسىي كېڭەش 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى 2-يىغىنىنىڭ تۈرلۈك تەييارلىق خىزمەتلىرىنى يۇقىرى سۈپەتتە ياخشى ئىشلەش كېرەك.
يېپىلىش يىغىنىدا تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەندىن كېيىنكى «جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ تەكلىپ خىزمىتى نىزامى» ماقۇللاندى. يېپىلىش يىغىنىدىن كېيىن، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، شەندۇڭ داشۆسى كۇڭزى تەلىماتى ئالىي تەتقىقات يۇرتىنىڭ ئىجرائىيە باشلىقى ۋاڭ شۆديەن تەكلىپكە بىنائەن «جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ يىلتىزى ۋە روھىنى ساقلاپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ زامانىۋى مەدەنىيلىكىنى بەرپا قىلايلى» دېگەن تېمىدا لېكسىيە سۆزلىدى.
تەرجىمان: پاتىگۈل مەمەت