لى چياڭ گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي ئىشلار يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى
ئىستانسىمىز خەۋىرى: گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى چياڭ 11-ئاينىڭ 3-كۈنى گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي ئىشلار يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى، يىغىندا سىرەك يەر كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ئالاقىدار خىزمەتلەر تەتقىق قىلىندى، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت چېگراسى سەھىيە كارانتىن قانۇنىنىڭ (تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن لايىھەسى) مۇزاكىرە قىلىندى، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ پاتېنت قانۇنىنى يولغا قويۇش تەپسىلىي قائىدىسى (تۈزىتىلمە لايىھەسى)» قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى.
يىغىندا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: سىرەك يەر ئىستراتېگىيەلىك قېزىلما بايلىق. سىرەك يەر بايلىقىنى چارلاپ تەكشۈرۈش، ئېچىپ پايدىلىنىش ۋە قېلىپلاشتۇرۇپ باشقۇرۇشنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، تەتقىق قىلىپ ئىشلىتىش قاتارلىق ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ كۈچىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، يېڭى بىر ئەۋلاد يېشىل، يۇقىرى ئۈنۈملۈك قېزىش، تاللاش، تاۋلاش تېخنىكىسىنى تەتقىق قىلىپ ئېچىش ۋە قوللىنىشنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، يۇقىرى تېخنىكىلىق سىرەك يەر يېڭى ماتېرىيالى ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ۋە كەسىپلەشتۈرۈش قەدىمىنى تېزلىتىپ، قانۇنسىز قېزىش، ئېكولوگىيەگە بۇزغۇنچىلىق قىلىش قاتارلىق قىلمىشلارغا قاتتىق زەربە بېرىپ، سىرەك يەر كەسپىنىڭ يۇقىرى سەۋىيەلىك، ئەقلىي ئىقتىدارلىق، يېشىل تەرەققىياتىنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.
يىغىندا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت چىگىرىسى سەھىيە، كارانتىن قانۇنىنىڭ (تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن لايىھەسى)» مۇزاكىرە قىلىندى ھەمدە پىرىنسىپ جەھەتتىن ماقۇللاندى، تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن لايىھەنى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇش قارار قىلىندى. يىغىندا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: دۆلىتىمىزدە پورتلارنىڭ سانى كۆپ، تاشقى خادىملار ۋە ماللارنىڭ يۆتكىلىشى كۆپ، دۆلەت چېگراسى سەھىيە كارانتىنىغا ئالاقىدار قانۇنلارغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش پورتلارنىڭ كارانتىن مۇداپىئە لىنىيەسىنى مۇستەھكەملەپ، خەلقنىڭ ساغلاملىقى ۋە دۆلەتنىڭ ئاممىۋى بىخەتەرلىكىگە تېخىمۇ ياخشى كاپالەتلىك قىلىشقا پايدىلىق. دۆلەت چېگراسى سەھىيە كارانتىنى بويىچە بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، ماسلىشىش، ھەمتۈرتكۈلۈكنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، پورتلارنىڭ ئاممىۋى سەھىيە ئىقتىدارى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، دۆلەت چېگراسى سەھىيە كارانتىن خىزمىتى مېخانىزمىنى ئەلالاشتۇرۇپ، دائىملىق بولۇش بىلەن جىددىي تاقابىل تۇرۇش ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈلگەن پورت يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش سىستېمىسىنى ئورنىتىش، تاكامۇللاشتۇرۇش كېرەك. دۆلەت چېگرىسى سەھىيە كارانتىنى ۋە خادىملار ئىقتىساد-سودا ئالاقىسىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ياخشى ئىشلەپ، ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى قانۇن بويىچە ئىلمىي، دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تەكشۈرۈش-كارانتىن قىلىش، تېببىي تەكشۈرۈش ۋە سەھىيە جەھەتتىن بىر تەرەپ قىلىش تەرتىپىنى ياخشىلاپ، خىزمەت ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، ئېلىمىزنىڭ تاشقى خادىملار ئىقتىساد-سودا ئالاقىسىنى تېز ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئېھتىياجىغا تېخىمۇ ياخشى ئۇيغۇنلىشىش كېرەك.
يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداشنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى چوڭقۇر ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پاتېنت قانۇنىنى يولغا قويۇش تەپسىلىي قائىدىسىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پاتېنت ئىلتىماس قىلىش ۋە تەكشۈرۈش تۈزۈمىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئېلىمىزنىڭ پاتېنت يارىتىش، ئىشلىتىش، قوغداش، باشقۇرۇش ۋە مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ئالاقىدار خەلقئارا شەرتنامىلەر بىلەن جىپسىلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، پاتېنت قانۇنىنىڭ پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ۋە يېڭى كەسىپ، يېڭى رىقابەت يولى تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم رولىنى كۈچەپ جارى قىلدۇرۇش كېرەك. كۆپ خىل شەكىلدىكى بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى قانۇنىنى ئومۇملاشتۇرۇش تەشۋىقات پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، يېڭىلىق يارىتىشقا كاپالەتلىك قىلىدىغان ۋە ئۇنى قوللايدىغان قانۇنچىل مۇھىتنى زور كۈچ بىلەن يارىتىش كېرەك.
يىغىندا يەنە باشقا ئىشلار مۇزاكىرە قىلىندى.
تەرجىمان: پاتىگۈل مەمەت