ئالدىنقى 10 ئايدا ئېلىمىزنىڭ مال سودا ئىمپورت-ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتى 34 تىرىليون 320 مىليارد يۈەنگە يەتتى
تاموژنا باش مەھكىمىسى 11-ئاينىڭ 7-كۈنى مۇنۇلارنى ئېلان قىلدى: بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى 10 ئېيىدا، ئېلىمىزنىڭ مال سودا ئىمپورت-ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتى 34 تىرىليون 320 مىليارد يۈەنگە يېتىپ، تاشقى سودىنىڭ يۈرۈشۈشى مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلىدى.
ئالدىنقى 10 ئايدا، ئېلىمىزنىڭ مال سودا ئىمپورت-ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %0.03 ئاشتى. بۇنىڭ ئىچىدە، ئېكسپورت 19 تىرىليون 550 مىليارد يۈەن بولۇپ، %0.4 ئاشتى، ئىمپورت 14 تىرىليون 770 مىليارد يۈەن بولۇپ، %0.5 تۆۋەنلىدى. 10-ئايدا، ئېلىمىزنىڭ ئىمپورت-ئېكسپورت سوممىسى 3 تىرىليون 540 مىليارد يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %0.9 ئېشىپ، ئايلىق ئىمپورت-ئېكسپورتنىڭ ياخشىلىنىش ۋەزىيىتى تېخىمۇ مۇستەھكەملەندى. تاموژنا باش مەھكىمىسى ئىستاتىستىكا ئانالىز مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى لۈ دالياڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە ئېلىمىزنىڭ تاشقى سودا ساھەسىدىكى ئاكتىپ ئامىللار جۇغلىنىپ كۆپىيىپ، 10-ئايدا ئىمپورت-ئېكسپورتنىڭ بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئېشىشىغا تۈرتكە بولدى. كەلگۈسى ئىمپورت ئېكسپورت ۋەزىيىتىگە ئۈمىدۋار قارىغان كارخانىلارنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى ئېشىپ، ئېلىمىز تاشقى سودىسىنىڭ ياخشى تەرەققىيات ۋەزىيىتى يەنىمۇ گەۋدىلەندى.
بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى 10 ئېيىدا، ئېلىمىزنىڭ ئادەتتىكى سودا ئىمپورت-ئېكسپورت سوممىسى 22 تىرىليون 260 مىليارد يۈەنگە يېتىپ، %1.8 ئېشىپ، تاشقى سودا ئومۇمىي قىممىتىنىڭ %64.9ىنى ئىگىلەپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 1.1 پوئېنت ئاشتى. پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ ئىمپورت-ئېكسپورتى ئومۇمەن كۆرۈنەرلىك ياخشى بولدى. يۇقىرى، يېڭى تېخنىكا مەھسۇلاتلىرى ئىمپورت-ئېكسپورتىدا، پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى 4.8 پوئېنت ئېشىپ، ئېلىمىز پۇقراۋى ئىگىلىكىنىڭ ئىگىلىك تىكلەش، يېڭىلىق يارىتىش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىدا ئىجابىي نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى.
ئالدىنقى 10 ئايدا، ئېلىمىزنىڭ شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى بىلەن بولغان سودا ئومۇمىي قىممىتى 5 تىرىليون 230 مىليارد يۈەنگە يېتىپ، %0.9 ئېشىپ، ئېلىمىز تاشقى سودا ئومۇمىي قىممىتىنىڭ %15.2 نى ئىگىلىدى. ساھەدىن قارىغاندا، ماشىنا-ئېلېكتىر مەھسۇلاتلىرى ئېكسپورتىنىڭ ئىگىلىگەن سالمىقى %60كە يېقىنلاشتى، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ئېكسپورتى ئاشتى.
تەرجىمان: پاتىگۈل مەمەت