ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

سەي چى شى جىنپىڭ مەدەنىيەت ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش ئىزچىللاشتۇرۇش سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2023-11-08 10:03

شى جىنپىڭ مەدەنىيەت ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش ئىزچىللاشتۇرۇش سۆھبەت يىغىنى 11-ئاينىڭ 6-كۈنى بېيجىڭدا ئېچىلدى، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇرۇسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى سەي چى يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، شى جىنپىڭ مەدەنىيەت ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت خىزمىتىدە يېڭى ۋەزىيەت يارىتىپ، دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش قۇرۇلۇشى، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشنى كۈچلۈك ئىدىيەۋى كاپالەت، قۇدرەتلىك مەنىۋى كۈچ، پايدىلىق مەدەنىيەت شارائىتى بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

سەي چى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: شى جىنپىڭ مەدەنىيەت ئىدىيەسى ماركسىزملىق مەدەنىيەت نەزەرىيەسىنى بېيىتىپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدىكى تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش، يېڭى مەدەنىيەت بۇرچىنى زىممىسىگە ئېلىشنى ئىلمىي ھەرىكەت قوللانمىسى بىلەن تەمىنلىدى. بۇ مۇھىم ئىدىيە ئۆز ئىچىگە ئالغان زور يېڭىلىق يارىتىش نۇقتىئىنەزەرى، ئىلمىي مېتودولوگىيە ۋە مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى توغرىسىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرۇشنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، بۇ مۇھىم ئىدىيەنىڭ ئۈزلۈكسىز كېڭىيىۋاتقان، ئوچۇق، ئىلمىي سىستېمىلىق ئىدىيە سىستېمىسى ئىكەنلىكىنى، ئەمەلىيەتنىڭ چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ ئۈزلۈكسىز بېيىيدىغانلىقى ۋە تەرەققىي قىلىدىغانلىقىنى چوڭقۇر تونۇش كېرەك. نەزەرىيە بىلەن قوراللىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئاممىۋى پىكىر يېتەكچىلىك ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش، مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىنى ياخشىلاش ۋە ئۇنىڭدا يېڭىلىق يارىتىش، مەدەنىيەتنىڭ گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، خەلقئارا تارقىتىش ئۈنۈم ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش، ئىدېئولوگىيە خەۋپ-خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىش جەھەتتە كۈچ سەرپ قىلىپ، بۇ مۇھىم ئىدىيەنى تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت خىزمىتىنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرى ۋە پۈتكۈل جەريانىدا ھەقىقىي ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك.

لى شۇلېي يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى، چېن يىچىن قاتناشتى. دۆلەتلىك رادىيو تېلېۋىزىيە باش ئىدارىسى، شىنخۇا ئاگېنتلىقى، شاڭخەي شەھەرلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى ۋە بىر قىسىم مۇتەخەسسىس، ئالىملار ۋەكىللىرى سۆز قىلدى. مەركەزدىكى تەشۋىقات، مەدەنىيەت ئورۇنلىرىنىڭ مەسئۇللىرى، ھەر قايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، مەركەزگە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى، ئىدىيە-مەدەنىيەت ساھەسىدىكى ئالاقىدار مۇتەخەسسىس، ئالىملار قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.

تەرجىمان: پاتىگۈل مەمەت

中央广播电视总台 央广网 版权所有

سەي چى شى جىنپىڭ مەدەنىيەت ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش ئىزچىللاشتۇرۇش سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى

شى جىنپىڭ مەدەنىيەت ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش ئىزچىللاشتۇرۇش سۆھبەت يىغىنى 11-ئاينىڭ 6-كۈنى بېيجىڭدا ئېچىلدى،