ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

جۇڭگو-لائوس تۆمۈر يولى رايون ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىغا يېڭى ھاياتىي كۈچ قوشتى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2023-12-05 09:08

12-ئاينىڭ 2-كۈنى-جۇڭگو-لائوس تۆمۈر يولىدا قاتناش باشلانغانلىقىغا ئىككى يىل بولدى، بۇ ئىككى يىلدا جەمئىي 24 مىليون 200 مىڭ ئادەم قېتىم يولۇچى، 29 مىليون 100 مىڭ توننا مال توشۇلدى، ئالتۇن يولنىڭ ئۈنۈمى كۈنسايىن گەۋدىلىنىپ، رايون ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىغا يېڭى ھاياتىي كۈچ قوشتى.

جۇڭگو-لائوس تۆمۈر يولىدا 2021-يىلى 12-ئاينىڭ 3-كۈنى قاتناش باشلانغاندىن بۇيان، پۈتۈن لىنىيەنىڭ ئايلىق يولۇچى توشۇش مىقدارى قاتناش باشلانغان دەسلەپكى مەزگىلدىكى 600 مىڭ ئادەم قېتىمدىن كۆپىيىپ، ھازىر 1 مىليون 100 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئاشتى.

يولۇچى تىرانسپورتىنىڭ ئۈزلۈكسىز كۆپىيىشى بىلەن بىللە، يۈك تىرانسپورت ئىقتىدارى ۋە ئۈنۈمىمۇ ئۈزلۈكسىز ئېشىپ، چېگرا ھالقىغان يۈك پويىزىنىڭ كۈندىلىك قاتناش مىقدارى قاتناش باشلانغان دەسلەپكى مەزگىلدىكى ئىككىدىن ھازىر 14 كە يەتتى. نۇقتا، ۋاقىت، لىنىيە، پويىز قېتىمى بويىچە يۈرۈشتۈرۈلگەن جۇڭگو-لائوس تۆمۈريولى «لەنساڭجياڭ-مىكون دەرياسى تېز لىنىيەسى» خەلقئارا يۈك پويىزى 400 گە يەتتى، يۈك تىرانسپورتى لائوس، تايلاند، ۋىيېتنام، بىرما قاتارلىق «بىر بەلباغ، بىر يول»نى تەڭ قۇرغۇچى 12 دۆلەت ۋە دۆلەت ئىچىدىكى 31 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، مەركەزگە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەردىكى ئاساسلىق شەھەرلەرنى قاپلىدى.

لائوستىكى مەلۇم تىرانسپورت كارخانىسىنىڭ مەسۇلى ئېلاتاي ساندىكونكا تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: جۇڭگو-لائوس تۆمۈريولىدىن ئىبارەت بۇ ئالتۇن چوڭ يولنىڭ يۇقىرى سۈپەتتە يۈرۈشۈشى بىزنىڭ چېگرا ھالقىغان يۈك تىرانسپورتىمىزغا ناھايىتى زور قولايلىق ئېلىپ كەلدى.

شۇنىڭ بىلەن بىللە، تۆمۈريول تارماقلىرى «جۇڭگو-لائوس تۆمۈريولى+جۇڭگو-ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى» قاتارلىق خەلقئارا تىرانسپورت يېڭى ئەندىزىسى ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ، لائوس، تايلاند قاتارلىق دۆلەتلەردىن ياۋروپاغا قاتنايدىغان پويىزلارنىڭ بىۋاسىتە يېتىپ بېرىش ۋاقتىنى 15 كۈنگە قىسقارتتى.

تەرجىمان: ئابدۇللا موللا

中央广播电视总台 央广网 版权所有